د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا باشلىق ئۇيغۇر ۋەكىللەر 8-فېۋرال كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى.
بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا ئاساسلانغاندا، 7-فېۋرالدىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پارلامېنت بىناسىدا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە بۇنىڭ تىبەت، ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، پارلامېنت تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى تۇننە كالەم شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى بىلباۋ خانىم قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن.
«خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە بۇنىڭ تىبەت، ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر توختى ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ دوكلات تەقدىم قىلغان، يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنى ئۇيغۇر دىيارىدا شېھىت بولغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى، تېررور قۇربانلىرى ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.
چۈشتىن بۇرۇن چاقىرىلغان «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە بۇنىڭ تىبەت، ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بۇ سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق شەرھلەپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ھەققىدە توختالغان ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ پائالىيەتلەرگە بۈگۈن ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ھەمدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى مارى ھولىزمان خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.