فرانسىيەلىك مۇخبىر: شەرقىي تۈركىستاندىكى تەڭسىزلىكنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2014.11.25
ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ مەزمۇنىدىكى ئىپارخان ھەققىدې ئېلان قىلىنغان ماقالە
RFA/Pidaiy


شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىشكە مۇيەسسەر بولغان بەزى ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ۋە خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىغا ئائىت ئەمەلىي پاكىتلارنى بايقاپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى ئاۋانگارتلارغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

فېرانسىيەدە يېتىلىۋاتقان بىر ژۇرنالىست گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى قاراشنى دەلىللىگەن.

ئۇ، ژۇرنالىستلىق كەسپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلەشكە قىزىقىپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان.

ئىلگىرى بىر قانچە تېمىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ فرانسىيە مېدىئاسىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتايلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە شىكايەت قىلىشىغا، نەشر قىلىشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بۇ ژۇرنالىست، بۇ قېتىمقى فىلىمى ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن قاچان، قەيەردە، قانداق تونۇشقانلىقى ھەققىدە سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى:

_بۇ بىر ئۇزۇن ھېكايە. تەخمىنەن 25 ياش ئەتراپىدا ئىدىم. 1996 - يىللىرى ژۇرنالىستلىق كەسپىدە ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، مۇۋاپىق بىر تېما ئىزدەپ يۈرگىنىمدە، بىر تۈرك دوستۇمدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانى ھەققىدە ئاجايىپ پاراڭلارنى ئاڭلاپ قىلىپ، قىزىقىپ قالدىم. ئۇ چاغلاردا شەرقىي تۈركىستان دۇنياغا ناتونۇش بىر يەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى خەلقىمگە تونۇشتۇرۇش تېما قىلىنغان بىر فىلىم ئىشلەش نىيىتىگە كېلىپ، بۇ ھەقتە ئىزدەندىم. ئاخىرى ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق دولقۇن ئەيسا بىلەن تونۇشتۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەگە بېرىپ ئەرەب، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئازراق ساۋاق ئالدىم. ئاندىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى تەڭسىزلىكنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ مەسىلىگە قىزىقىپ، بۇ تېمىنى تاللىدىم.

ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى بىر تېمىنى تاللاش، كەسپىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئېھتىياجىدىن بولدىمۇ، ياكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش يۈزىسىدىنمۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_بىرىنچىدىن، ئاشۇنداق تونۇلمىغان بىر دۇنيانى، غەيرىي ئەھۋاللارنى دۇنياغا بىلدۈرۈش؛ بۇ مىنىڭ مۇخبىرلىقتىكى كەسپىي بۇرچۇم - ۋەزىپەم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش ۋە تونۇشۇش ئارقىلىق قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى ئەھۋالى، بۇ كەسپىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە توختىلىپ: ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مەن بەكمۇ ئۈمىدۋار ئەمەس. چۈنكى بىر شەرقىي تۈركىستانغا بىر قانچە قېتىم بېرىش جەريانىدا، ئۇ يەردىكى بېسىمنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى كەسكىن بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. خەلقئارا بۇ مەسىلىگە قارىتا ھازىرغىچە كۆزىنى يۇمۇپ، سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. سەل قاراۋاتىدۇ، دېدى.

ئۇ،بۇ ھەقتە يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپ، ئۆز كەسپى جەھەتتىكى پۇرسىتى بىلەن خەلقئارالىق ساھەلەرنى بۇ مەسىلىگە قارىتا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلالىسىمۇ، ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردە يەنىلا چارىسىز قىلىۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئاۋازى يېتىپ بارالايدىغان بىر پۇرسەت تاپسا، ئۇلارغا نېمە دېگەن بولار ئىدىڭىز؟ دەپ سورۇغان سوئالىمىزغا جاۋابەن:

_ بۇ بىر قېيىن سوئال بولدى. بىزدە بۇنىڭغا لايىق بىر سالاھىيەت يوق. شۇنداقتىمۇ بىز ئۇ يەرگە بىر قانچە قېتىم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىلەر ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى بىر تۇرمۇش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ، چەتئەللىكلەرگە سۆز قىلىشتىن قورقۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن، شۇنداق بىر سۆز قىلىش پۇرسىتىم بولۇپ قالسا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بولغان تەقدىردىمۇ، چەتئەللىكلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا تېرىشىڭلار. ئىتتىپاق بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىڭلار. چۈنكى سىلەر، دۆلەت قۇرغان قەدىمىي بىر مىللەت» دېگەن بولاتتىم، دېدى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.