ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.11.10
umid-agahi-esqerjan.jpg ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە ئەسقەر ئەپەندى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى شىتراسېر (Strazer) ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2015-يىلى 10-نويابىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى 10-نويابىر گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرلىنغا بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خەلقئارا دېموكراتىيە، ياردەم فوندىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە ئەسقەرجان ئەپەندىلەرنىڭ 10-نويابىر بېرلىندىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بىلەن خەلقئارا ياردەم فوندى 23-نويابىر كۈنى خىتايغا بېرىپ، خىتاي دۆلەت خادىملىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتتىن ئىلگىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.

تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق دىن ئۈمىد ئاگاھى ۋە ئەسقەرجانلار ميۇنخېندىن ئالايىتەن پايتەخت بېرلىنغا بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشقان.

ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خەلقئارا ياردەم فوندىنىڭ رەھبەرلىرى خىتايغا بارغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ بىلەن بىرگە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن گېرمانىيەدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشنى خالىغان.

بۇ ئۇچرىشىشتا قۇرۇلتاي مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىلىق ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنى بېيجىڭدىكى بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلدۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن.

قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگ ۋە مۇناسىۋەتلەردە بەك دىپلوماتىك نازلارنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنى، كەسكىنرەك بولۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.