5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار (38) - نىجات قۇربان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.06.06
5-iyul-weqeside-ghayib-bolghanlar-305.png 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن غايىب بولغان كىشىلەر (سول تەرەپ يۇقىرىدىن سائەت ئىستىرىلىكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە): مەمەتئابلا ئابدۇرېھىم، زاكىر مەمەت، مۇختەر مەخەت، تۇرسۇنجان توختى
Photo: RFA


5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 6 - يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشماقتا. مەزكۇر ۋەقەدىن قالغان ئۇنتۇلماس خاتىرىلەردىن بىرى - ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار مەسىلىسى. بەزى كۆزەتكۈىچلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىدىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىشىدە، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار ھەققىدە خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب بەرمەسلىكىدىن ئىبارەت، بىر قانۇن دۆلىتىگە خاس بولمىغان، ئەكسىچە نەق بىر قاراقچىلار گۇرۇھىنى ئەسلىتىدىغان زوراۋان قىلمىشنىڭ مۇھىم رولى بار.

ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى جىددىي تەنقىدلىرىگە پىسەنت قىلماي، غايىپلار مەسىلىسىدىكى باندىتلارغا خاس پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. كىملىكى تېخى يېقىندا ئېنىقلانغان ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسىدىكى 22 ياشلىق نىجات قۇرباننىڭ غايىپ بولۇش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ شىكايەتلىرى يۇقىرىقى ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، غايىپ نىجات قۇربان ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا يۇقىرى ئىشتاچى كەنت، 5 - مەھەللىسىدىن. 2009 - يىلى تاجىكىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان 22 ياشلىق نىجات قۇربان، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بىرئاز ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، تاجىكىستانغا قايتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بۇ قىسقا مەزگىلدە بۇ پالاكەتچىلىككە يولۇققان. ئۈرۈمچىدىكى سودىگەر ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان نىجات قۇربان 5 - ئىيۇلدىن بىر كۈن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقبېشى يەنى سەنشىخاڭزا مەھەللىسىدىكى بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىككى دوستى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن. ئارىسىدا پەقەت بىرسىلا ئۇيغۇر، قالغانلىرى خىتاي بولغان بىر ساقچى ئەترىتى ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ مايكىلىرىنى بېشىغا ئۆرۈپ، پۇتلىرىدىكى ئاياقلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېرىم يالىڭاچ ۋە يالاڭاياق ماڭغۇزۇپ ئۆيدىن ئاچىقىپ كەتكەن. تۇتقۇنلار ئاۋۋال بۇلاقبېشىدىكى جەنۇبىي قوۋۇق يەنى نەنگۈەن ساقچىخانىسىغا ئاپرىلغان، ئەتىسى كەچتە شىسەن تۈرمىسىگە يۆتكىگەن. شىسەن تۈرمىسىدە نىجات قۇربان ئىككى دوستىدىن ئايرىم بىر كامىرغا قامالغان. ئۇنىڭ ئىككىسى دوستىدىن بىرى تۇتۇلۇپ 3 ئايدىن، يەنە بىرسى 6 ئايدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن، ئەمما نىجات قۇرباننىڭ نەدىلىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلىسىگە ساقچىلار تا بۈگۈنگە قەدەر مەلۇمات بەرمىگەن. نىجات قۇرباننىڭ دادىسى بالىسىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا بارغىنىدا شەھەرلىك ساقچىدىكى خىتاي باشلىقنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. ئۇ ئۈرۈمچىگە ئىزدەپ بېرىپمۇ ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. نىجات قۇرباننىڭ دادىسىمۇ خۇددى باشقا غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتىغا ئوخشاشلا، بالىسىنىڭ ھۆكۈمەتتىن تىرىكىنى ئەمەس، ئۇچۇرىنى سوراۋاتقانلىقىنى، ئارزۇسىنىڭ بىر ئۆلۈم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ قەلبلىرىگە تەسەللىي تېپىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا. ئەمما مانا بۇ ئاددىي، ئەقەللىي تەلەپمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يەنىلا رەت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.