ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلار: غۇلجا ۋەقەسىنى ئۇنتۇمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.02.05

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئەنقەرە شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە باشلانغان نامايىشقا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرى، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەھبەرلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، قېرىنداش تۈرك جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىملىق نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش رىياسەتچىلىرىدىن خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇلار باياناتىدا خىتاينىڭ 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىملىكىنى تېخىغىچە ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار باياناتىدا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. ئارقىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويغان نامايىشچىلار، قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» «خىتاي ئىلھام توختىنى قويۇپ بەرسۇن، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» «خىتاي ئابدۇۋەلى ئايۇپنى قويۇپ بەرسۇن، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئەركىنلىك»، «خىتاي ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى قويۇپ بەرسۇن، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئايرىلدى.

نامايىش داۋامىدا بىر قىسىم نامايىشچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزىتىپ ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىگىلىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.