نورۋېگىيەدە 5-فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
2014.02.06
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سوغۇق ۋە يېغىۋاتقان قارغا قارىماي خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن پەرھات ياقۇپ ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى نامايىشچىلارغا بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتتى.
تۇرغۇنجان قارىم نامايىشتا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ نۇتۇق سۆزلىدى.
زۇبەيدە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر سانايدىغان ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ يالغۇز 5-فېۋرال نامايىشقىلا ئەمەس، بۇ يەردە بولىدىغان ھەر قانداق سىياسىي پائالىيەت ۋە باشقا پۈتۈن نامايىشلارغا قاتنىشىشنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى ۋىجدانى بۇرچىنى ئۆتىگەنلىك بولۇپلا قالماي، شېھىت كەتكەنلەرنىڭ روھىنى مۇشۇ يول بىلەن ئازراق بولسىمۇ خاتىرجەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇنداق ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى توۋلانغان جاراڭلىق شوئار بىلەن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە باشلانغان نامايىش سائەت تۆتلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.