1997-يىلقى غۇلجا قانلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى ئاخبارات قازاقىستانغا قانداق يەتكەن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
غۇلجادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 1997-يىلى 5-فېۋرال.
غۇلجادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 1997-يىلى 5-فېۋرال.
Social Media


بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى قارىتىلغان، بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشلار، دىنىي ۋە ئىنسانىي كەمسىتىشلەر، باشقىمۇ كۆپلىگەن ئادالەتسىزلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىز باستۇرۇلدى.

غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇماتلار قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە، بىرىنچى نوۋەتتە، قازاقىستانغا قانداق قىلىپ يەتتى؟ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم يۇرت-جامائەتچىلىكى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قانداق ئىشلارنى ئېلىپ باردى؟ غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئاخبارات قانداق يوللار بىلەن تارقىتىلدى؟

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر نامايىشنىڭ ئىلى مەشرىپى لىدېرلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى، مىللەت غۇرۇرى، دېموكراتىيە ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن نارازىلىق ھەرىكىتىگە چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا مىڭلىغان ئىلىلىقلار، جەنۈبلىقلار تىجارەت قىلاتتى. ھازىر ئۇلار تامامەن يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. بىرىنچى خەۋەرنى مەن 6-چېسلادا ئاڭلىدىم. 7-چېسلا كۈنى مەن ئىككى ئازادلىق كۈرەشچىسى، يەنى يۈسۈپبەك مۇخلىسوف ۋە ھاشىر ۋاھىدى بىلەن ئۇچرىشىپ، مەسلىھەتلەشتۇق. كېلىشكىنىمىز، بىرىنچى، ماتېرىيال توپلاش. ئىككىنچى، ئاخباراتنى دۇنياغا يەتكۈزۈش. شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە 8-چېسلا كۈنى ئۈچ تەشكىلات ئاساسىدا، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلەر ئارا ئىتتىپاقى، يۈسۈپبەك مۇخلىسوفنىڭ "شەرقىي تۈركىستان كومىتېتى" ۋە ھاشىر ۋاھىدىنىڭ " ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى" بىرلىشىپ، " ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كومىتېتى" نى قۇردۇق.»

ق. غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى كومىتېت 14-فېۋرالدا ئالماتا شەھىرىدىكى دېموكراتىيە ئۆيىدە تۇنجى قېتىم قازاقىستان ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ق. غوجامبەردى شۇ يىغىنغا ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا ئوتتۇزدىن ئارتۇق قازاقىستان ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى كەلدى. ئۇ ۋاقتىدا پۈتكۈل ئەلچى ۋە كونسۇللار ئالماتادا ئىدى. ئالماتادىكى تەشكىلاتلارغا، ژۇرنالىستلارغا، تونۇشلارغا ئۆزەم مېڭىپ، خەۋەر قىلغان. بۇ ئاخبارات شۇنداق كۈچلۈك تەسىر قىلدىكى، شۇ كۈنى موسكۋادىن بىزنىڭ سۆھبەتنى خەۋەر قىلدى. بىز ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى مەرھۇم مۇھەممەت رىزا بېكىن بىلەن ھەمكارلاشتۇق. ئاخباراتنى كۆپىنچە شۇنىڭغا ئەۋەتىشكە باشلىدىم.»

ق. غوجامبەردىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 14-ۋە 15-فېۋراللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن قاچاقلار چىقىشقا باشلاپ، ئەنە شۇلاردىن يەنە كۆپلىگەن ۋەقە تەپسىلاتلىرى ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن. ئۇ مۇنداق دېدى:«بەزىلىرىنى ئۆزەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قاچاقلار بويىچە باشقارمىسىغا ئېلىپ باردىم. شۇ ۋاقىتتا تامارا مەمەتوۋانىڭ ئەدلىيەۋىي ياردەم بېرىش تەشكىلاتى يېڭىدىن قۇرۇلدى. 1998-يىلى مېنىڭ تەۋسىيەم بىلەن ئالىمجان تىلىۋالدى قاچاقلارغا ئىنسان ھوقۇقى بويىچە ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنى قۇردى. مۇشۇ ئىككى تەشكىلات ئارقىلىق پۈتكۈل قاچاقلارغا ياردەم بەردۇق. ماتېرىيالنى ئاساسەن قاچاقلار ئارقىلىق، ئىككىنچى، تېلېفون ۋە باشقىمۇ ھەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق يىغدۇق.»

ق. غوجامبەردى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر نەچچە مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى سىياسىي ئاكتىپلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قازاقىستاندىكى ئاقساقاللارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مارت ئېيىدا ئالماتادىن ق. غوجامبەردى، بىشكەكتىن تۇرسۇن ئىسلام باشلىق بىر گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ، مەزكۇر گۇرۇپپا موسكۋادىكى رۇسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ ئارقىسىدا دۇنيانىڭ ھەر قانداق تەشكىلاتلىرى، ژۇرنالىستلار، دىپلوماتلار ۋە باشقىلارنىڭ غۇلجا ۋەقەسىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيگەن.

ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف غۇلجا ۋەقەسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىز غۇلجىدا مۇشۇنداق قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ دېگەن خەۋەرنى تېلېۋىزوردىن ئاڭلاپ، بىر-بىرىمىزگە خەۋەر قىلدۇق. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ توغرىلىق كۆپ يول ماڭغان قەھرىمان غوجامبەردى. بىز يىغىنلارنى ئېچىپ، مۇشۇ ھەقتە خەلققە كۆپ ئاڭلاتتۇق. بىزنىڭمۇ شۇ ۋاقىتلاردا يۈرىكىمىز كۆيدى. قولىمىزدىن كەلگىچە ھەرىكەتلەرنى قىلدۇق. غۇلجىدىكى ياشلىرىمىز ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپنىڭ مەقسىتى ئىچىملىككە، ئاق تاماكىغا بېرىلىپ كەتكەن ياشلىرىمىزنى تەربىيىلەش. شۇ مەشرەپ قۇرغان ياشلىرىمىزنى ساقچىلار تۈرمىلەرگە ئېلىپ كەتتى. شۇلارنى ئىزدەپ، نامايىشقا چىققان ياشلارنى قىرىپ تاشلايدۇ، ئېرىقلاپ قانلار ئاقىدۇ. قالغانلىرىنى تۇتۇپ، مەيدانغا قاماپ، سوغ سۇ چېچىپ، ئىشتلارغا تالىتىدۇ. قىزلىرىمىزنى تۈرمىچىلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.»

ق. تۇرغانوف بىر يىل داۋامىدا ياشلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ يىلىمۇ 25-يانۋاردىن باشلاپ ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش ئىشلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، گۇمانلىق ھېسابلانغان بارلىق ياشلارنىڭ قامىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا قانلىق ۋەقەسى قۇربانلىرىنى ھېچ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىز سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت