ئامستېردامدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار لەپىلدىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2014.01.14

د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 12‏-يانۋار ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا جەم بولۇپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بارلىق توقۇنۇشلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈردى. جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن ئەتراپنى لەرزىگە سالغان نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررورلۇقى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان يەرلىك مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ بارغانسېرى چەكتىن ئېشىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتتى. تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتى ۋە باياناتلار ئوقۇدى.

پائالىيەتنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇردى. گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئەزالىرى ماسلاشتى. 2 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 13:00 دە باشلىنىپ، 15:30 دە ئاخىرلاشتى.

پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان مەيدان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلىدىغان ئالاھىدە جايلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشىنى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر قاتارىدا خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ كۆردى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر تۈرك مويسىپىت «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا سالاملار بولسۇن» دەپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. يەنە ھىندونېزىيەلىك بىر گۇرۇپپا مۇسۇلمان ياشلارمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تۇتۇپ نامايىشچىلار بىلەن بىرگە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. ئۇلاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەردىن نەچچە يىلدىن بېرى خەۋەردار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قاراجىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەنداشلىرىغا سالاملار يوللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ئىشتىراكچىلارمۇ ئۆزىنىڭ نامايىشقا قاتنىشىشتىكى مەقسەت-مۇددىئالىرى ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تەقدىم قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.