گۇما ناھىيىسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن 10 - ئىيۇن قانلىق ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.06.22
Guma-xerite-map-305.jpg خەرىتىدە خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن.
RFA


مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، گۇما ناھىيىسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن 10 - ئىيۇن قانلىق ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. بازارلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى دۇۋا بازىرىنىڭ 4 - كەنتىدىكى سايلىقىتا قوي بېقىۋاتقان بىر مالچى، سايدا سۇ ئېلىۋاتقان بىر گۇمانلىق كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئەھۋالنى كەنت مەسئۇلىغا مەلۇم قىلغان، كەنت مەسئۇلى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ سايلىقنى قورشاۋغا ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىدىن مەزكۇر سايلىقتا قورشاۋغا ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكى، قورشاۋنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىقى، گۇماندارلارنىڭ تەسلىم بولۇشقا چاقىرىلغان - چاقىرىلمىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس، ئەمما ۋەقەدە ئاز دېگەندە 8، كۆپ بولغاندا 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، گۇماندارلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا، دۇۋا بازىرىنىڭ سىرتىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز بۇ ۋەقەدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، گۇمىدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە يېتەكچى رول ئويناۋاتقان، بۇ ناھىيىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋە ياكى بىر چاپارمەنى ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىغان بىر خىتاي ساقچى تېلېفونىمىزغا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بەردى.

ئەلپازىدىن بىر دۆلەت خادىمىغا خاس كەيپىياتنى كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان بۇ خادىم، گەرچە سوئاللىرىمىزنىڭ نەق ئۆزىگە جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، دۇۋىدا شۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

بۇ خىتاي يەنە، خىتاينىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما چەتئەل مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاۋازىدىن ئۇيغۇرغا قارىتا غەزەپ - نەپرىتى پارتلاپ تۇرغان بۇ خادىم، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز ئارقىدىن دۇۋا بازىرىغا قوشنا بولغان يەنە بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە بەزى مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن گۇمادا يۈز بەرگەن 10 - ئىيۇن قانلىق ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلگەنلىكى مەلۇم، ئەمما گۇماندارلارنىڭ راستىنلا بىر پىدائىيلار گۇرۇپپىسى ياكى بىر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى سەپەرچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە ياكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.