گۇما ناھىيىسىدە ۋەزىيەت جىددىي ۋە سىرلىق: سائەت 9دىن كېيىن چىراغلار ئۆچۈرۈلۈشى شەرت

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.01.11
tutqun-pidaiy-xitay-saqchi-herbiy.jpg ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى.
CCTV

خىتاي ئاخباراتى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى خوتەندە 3 نەپەر گۇماندارنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ 2015-يىلى گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «22-ئاپرېل تېررور ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز گۇما ناھىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. مەلۇم بولۇشىچە، گۇمىدا شەنبە كۈندىن باشلاپ 1-دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى يولغا قويۇلغان؛ ئەمما دائىرىلەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كەنت ئامانلىق خادىملىرىغىمۇ بۇنداق جىددىي تەدبىرنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ئاھالىلەرگە ناتونۇش كىشىلەرنى دەرھال مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە، كەچ سائەت 9 دىن كېيىن چىراغلارنى ئۆچۈرۈش بۇيرۇلغان.

خىتاي ئاخباراتى يۇقىرىقى 3 گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە  تۇتۇلغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى بىلدۈرۈلمىگەن. تۈنۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ۋەقەنىڭ گۇما كۆكتېرەكتە يۈز بەرگەنلىك ئېھتىماللىقى ئاشكارىلانغان. بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا گۇما ناھىيىسىدە 4 كۈندىن بېرى ۋەزىيەتنىڭ پەۋقۇلئاددە جىددىي ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئامانلىق خادىملىرىدىن بىرى ۋەقەدە تۇتۇلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى بۇنداق سىرلىق تۇتۇشى خادىملار ئارىسىدا ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. خىتاي تەرەپ قېچىپ يۈرۈۋاتقان 3 گۇماندارنىڭ ئېتىلغانلىقىنى بايان قىلغان، بىر ئامانلىق خادىمى گۇماندارلاردىن 3 نەپىرىنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گۇما ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان كۆكتېرەك بازارلىق پارتكومنىڭ ئىككى سېكرېتارى ۋە تۆۋەنقۇمكۆل كەنتىنىڭ سېكرېتارى روزىمەمەت مەخمۇتنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما قايسى خىزمەتتە، قانداق بىپەرۋالىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانمىغان. ئامانلىق خادىملىرى روزىمەمەت مەخمۇتنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدا خىتاي ساقچىلىرى خوتەندە 3 نەپەر گۇماندارنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىنكى گۇما ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.