يەكەندىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىگە تۈرتكە بولغان مۇدىر جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.02
Uyghur-osmur-balilar-Xitay-saqchi-siyasi-terbiye-305 خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە «تېررورىزم»غا قارشى تۇرۇش پائالىيىتى توغرىسىدا دەرس بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2010-يىلى 24-ئىيۇن، قۇمۇل.
AFP Photo

خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاھالىلەرنى تىللاپ ھاقارەت قىلغان يەكەندىكى ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى مەمەتتۇرسۇن مەخمۇت ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى چىققان ئەھۋالدىمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان. پەقەت تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىنغان. يەكەندىكى يەرلىك دائىرىلەر مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتنى تۇتۇپ سوراق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆلگۈچى تۇرسۇن ئابلەتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.

يەكەندە دۆلەت شېئىرىنى يادلاشقا مەجبۇرلاش ۋە تەھدىت سېلىش سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دائىرىلەر تۆۋەن دەرىجىلىك ساقچى ۋە كادىرلار گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئەھۋال سۈرۈشتە قىلغان. خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئەھۋالنى ئىچكىرىلەپ سۈرۈشتە قىلىش ۋە سوراق قىلىش ھوقۇقى بېرىلمىگەن. ئەھۋال ئېنىقلاش داۋامىدا كىشىلەر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئاھالىلەرنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىغانلىقى ۋە تۇرسۇن ئابلەتنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى پاش قىلغان. ئاھالىلەر ھەقتە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر مەمەتتۇرسۇن مەخمۇت تۇتقۇن قىلىنمىغان. ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي بىر قانۇن تەرتىپمۇ ئىجرا قىلىنمىغان. 

كەنتتىكى ئاھالىلەردىن 14 نەپىرى بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن كومپارتىيە ئەزاسى مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئۆزلىرىنى «دۆت ئېشەكلەر» دەپ تىللىغانلىقىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويغان.
مەمەتتۇرسۇن مەخمۇت سۆھبەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئالاقىدار يىغىندا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەردىن ئۆزىنى توغرا چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتنىڭ 29‏-يانۋارغىچە دۆلەت شېئىرىنى يادلاپ بولۇش بۇيرۇقىنى تۇرسۇن ئابلەت قاتارلىق دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىغان 6 كىشىگە يەتكۈزگەن كىشى باغھويلا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇردى تۇرسۇن بولۇپ، ئۇمۇ ۋەقەگە ئۆزىنىڭ جاۋابكار ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. تۇردى تۇرسۇن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دېلو ھەققىدە سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. 

دائىرىلەر مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆلۈۋالغۇچى تۇرسۇن ئابلەتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.