ئاقسۇ شەھەر 6 - كەنتتە 120 دېھقان رامىزاندا ھاشارغا سېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.06.17
uyghur-hashar-osteng-chepish.jpg ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media


بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىمىزىدىن بىرى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى 6 - كەنت دېھقانلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ھاشارغا سېلىنغانلىقى ۋە بۇ ھاشارنىڭ روزى ئىبادىتىدىكى دېھقانلارنى ئېغىر دەرىجىدە چارچىتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىز بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئاقسۇغا تېلېفون قىلغىنىدا يۇقىرىقى ئىنكاسنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. رامىزان مەزگىلىدىكى بۇ ھاشارنى ئاقلاشقا يەنى ئۇنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشقان كەنت ئامانلىق مۇدىرى، جۈمە كۈنى مەركەزدىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن 120 دېھقاننىڭ پەقەت كوچا تازىلاشقا سېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا، ئاقسۇ شەھەر ئىچى 6 - كەنتتە، مەركەزدىن كېلىدىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سەۋەبلىك، كەنتتىكى 120 دېھقان ھاشارغا سېلىنغان يەنى يەرلىك دائىرىلەر روزا ئىبادىتىدىكى دېھقانلارنى ھەقسىز ھالدا كوچا تازىلاتقۇزغان. ئەمما رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ھاشارنىڭ رامىزاننىڭ ئالدىدىمۇ مەۋجۇتلۇقى، رامىزان مەزگىلىدىمۇ توختىتىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.