ھاشاردىن قايتىشىدا يارىلانغان سەمەت ئەبەيگە ھۆكۈمەت ئەمەس، ئەل - جامائەت ئىگە چىقتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.05.22
polat-zawutida-yarilanghan-uyghur-4.jpg ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا بىر گۇرۇپپا خىتاي تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان مۈلۈك دەۋاسى قىلغان ئىككى ئۇيغۇر جىددىي قۇتقۇزۇشتا. 2013-يىلى 15-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
RFA/Ekrem

مەلۇم بولۇشىچە، دېھقان سەمەت ئەبەي بۇ يىل 17 - ئاپرىل كۈنى ھاشاردا بېسىپ ئىشلەپ ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈگەتكەن ۋە كۇنىنىڭ قالغان قىسمىدا ئائىلە، بالا - چاقسى ئۈچۈن ئىشلەش مەقسىتىدە توقسۇ ناھىيىسىدىكى ئىشلەمچىلەر بازىرىغا قاراپ ئاتلانغان. يول ئۈستىدە موتوسىكلىتى ئۆرۈلۈپ جىگىرى ئېغىر زەخمىلەنگەن ۋە بىر پۇتى سۇنغان. ئۇنىڭ بېشىغا بۇ ئېغىر كۈن كەلگەندە مەزكۇر ھاشارنى ئورۇنلاشتۇرغان يۇلتۇزباغ يېزىلىق ۋە توقسۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان.

يارىدار سەمەت ئەبەينىڭ قولۇم - قوشنىلىرى، بالىسىنىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، قېيىن ئەھۋالنى كۆرگەن دوختۇر سېستىرالار، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇر ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ۋە مەسچىت جامائەتلىرى چەكلىك ئىمكانلىرى دائىرىسىدە ياردەم قىلغان. ئەمما بۇ ياردەم دولقۇنىمۇ يېزا ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى تەسىرلەندۈرەلمىگەن؛ دائىرىلەر ھاشاردىن قايتىشىدا يارىلانغان سەمەت ئەبەي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن تا بۈگۈنكە قەدەر ھال سوراپمۇ قويمىغان.

بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى گۇۋاھچى ۋە ئىجراچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.