خىتاي دېموكراتى چېن پوكۇڭ: مۆتىدىل زىيالىي ئىلھامنىڭ جازالىنىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈردى
2016.10.20
خىتاي دېموكراتلىرىدىن سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىغا 2016-يىللىق مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى بېرىلدى.
خىتاي مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تۈرمىدىكى ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ ئەيىبلىدى، خەلقئارادا بولسا «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش كۈرىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى » دەپ تەرىپلەندى. خىتاي دېموكراتلىرىدىن چېن پوكۇڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاينىڭ ئىلھام توختىدەك مۆتىدىل زىيالىينى قاتتىق جازالىشى، ئۇيغۇرلارنى رادىكال قارشىلىققا مەجبۇرلاپ، رايون ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتكەنلىكى» دەپ تەكىتلىدى.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن نيۇيوركتىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىللىق مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ خىتاينى رەنجىتىشىدىكى سەۋەبلىرىنى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ بىر ئۇيغۇر غا بېرىلىشىنىڭ مۇھىم تارىخى ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چېن پوكۇڭ مۇنداق دېدى، «خىتاي دائىرىلىرى ئەزەلدىن ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ خەلقئارادا مۇكاپاتلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارىلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىغا بۇ يىللىق مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشىمۇ ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاپا قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگۈچىلەر ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى چەكلەپ باستۇرۇپ كەلدى. شۇڭا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە ئۆز ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارادا تىلغا ئېلىنىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىك، دەپ قارايدۇ. ئەنە شۇنداق بولغاچقا، ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگىنىدە، خۇ جياغا ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىلگىنىدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلگەندىمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.»
چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەر، ئانالىزلاردا، ئۆز قەلىمى ۋە تىلىغا تايىنىپ تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش كۈرىشىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى، دەپ تەرىپلەندى. مېنىڭچىمۇ خەلقئارادا نوبېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ئىلھام توختىدەك بىر مۆتىدىل ئۇيغۇر زىيالىيسىغا بېرىلىشى، مەيلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسۇن، ياكى خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن بولسۇن، ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قانۇنىدا، ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بېرىلدى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كومپارتىيە دەۋرىدە ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى؛ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا يەنە پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەتكە پىكىر بېرىش، ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەش، نارازىلىق بىلدۈرۈش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى بار دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بەرگۈچىلەر باستۇرۇلماقتا. شۇڭا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تۈرمىدىكى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ۋە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى باستۇرۇلۇۋاتقان رېئال ۋەزىيەتنى دۇنيانىڭ يەنە بىر قېتىم تونۇشى ۋە ئۇنى توسۇشىدا مۇھىم ئەھمىيىتى بار دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.
چېن پوكۇڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى سەۋەبىدىن رايوندا بارلىققا كەلگەن يامان ئاقىۋەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئالدى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى قەلىمى ۋە تىلىغا تايىنىپ تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغان مۆتىدىل زىيالىينى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ ئەڭ خاتا قارار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى ۋە بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى 2014-يىلى1-ئايدا ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئۇ «مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقى كۈچىيىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ‹تېررورلۇق› قالپىقى بىلەن قاتتىق باستۇردى. ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ‹دىنىي رادىكال›، ‹تېررورچى › قىلىپ كۆرسەتتى. مەيلى جاڭ چۈنشەن بولسۇن، مەيلى بۇ يىل 9-ئايدا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن چېن چۈەنگو بولسۇن، ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر رايونىدا ‹مۇقىملىق› نى 1-ۋەزىپە دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار سىياسىي ۋە ئىرقىي جەھەتتىن كەمسىتىلىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى قوللاندى. ئىلگىرى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي باراۋەرسىزلىكنى تىنچ يول ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بىر ئاۋاز ئىدى. ئەمما ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۈرمىگە تاشلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش يوللىرىنى پۈتۈنلەي ئېتىۋەتتى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار رادىكال قارشىلىق يولىغا ماڭىدىغان، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. كۆرۈۋاتقىنىمىز كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدىكى مۇقىم، تىنچ ۋەزىيەت ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ئەڭ مۇقىمسىز، ۋەھىمىلىك ۋەزىيەت بولدى.»
چېن پوكۇڭ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلىشىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قاتتىق باستۇرۇش پوزىتسىيىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى قايتىدىن كۆرۈش، ئويلىنىش، تۈزىتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلىشىگە قارىتا ھازىرقىدەك قاقشاش، تەنقىدلەش ئەمەس، بەلكى ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى قايتا ئويلىنىشى، ھۆكۈمەت سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشى، ناھەق تۈرمىگە قامالغان ئىلھام توختىدەك مۆتىدىل پىكىردىكى زىيالىيلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارغا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بېرىشى، ئۆز قانۇنىدا بەلگىلىگەن ئەمما ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشمىغان ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئەنە شۇندىلا ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھازىرقى قاتمال ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىن» دېدى.









