ئىلشات ھەسەن: «سىڭلىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مېنى چەكسىز ئازابلىدى، لېكىن مەن يولۇمدىن ھەرگىز قايتمايمەن!»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.09.09
ilshat-hesen-toqqanliri-ilnur-hesen.JPG سۈرەتتە، (سولدىن ئوڭغا) ئىلشات ھەسەننىڭ خىتايلار پىچاق تىقىپ ئولتۇرۇۋەتكەن ئىنىسى ئىمام ھۈسەيىن، ئانىسى راھىلە، بۇدا تۇتقۇن قىلىنغان سىڭلىسى ئىلنۇر، قۇچىقىدىكى قىزى، ۋە دادىسى ھەسەن تۇراپ.
RFA

خەۋەر تېپىشىمىزچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ بىر تۇغقان سىڭلىسى ئۆتكەن ئاينىڭ 16-كۈنى كۇيتوڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل رەزىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، لېكىن ماڭغان يولىدىن ئەسلا قايتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رادىئو زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى سوئال-جاۋابلاردىن كۆرگەيسىز.

سوئال: ھۆرمەتلىك ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خەۋەر تېپىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بېسىم قىلىش ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتەك چارىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاڭلىشىمىزچە، يېقىندا سىزنىڭ سىڭلىڭىزنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر بار. مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز؟ سىز بۇ خەۋەرنى قاچان، كىمدىن ئاڭلىدىڭىز؟

جاۋاب: ئۆتكەن ئاينىڭ 17-كۈنى يېرىم كېچىدە تېلېفونۇم ئەنسىز جىرىڭلىدى. بۇ ۋەتەندىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن. ئائىلەمدىكىلەر كۇيتوڭدا ئولتۇرۇشلۇق چوڭ سىڭلىمنىڭ 16-ئاۋغۇست كۈنى تۇيۇقسىزلا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. تاڭ ئاتقىچە ئۇياق-بۇياققا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردۈم. ئىككىنچى كۈنى كىچىك سىڭلىم كۇيتوڭدىكى بىر ئۇيغۇر ساقچىدىن سىڭلىمنىڭ ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن ئىچكى بۇيرۇق بويىچە تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ ساقچىنىڭ دېيىشىچە، سىڭلىمنىڭ قانچىلىك تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن، پەقەتلا پۇل ۋە كىيىم-كېچەك بەرسە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن غۇلجىدىكى ئاكامغا تېلېفون قىلسام، قايتا تېلېفون قىلماسلىقىمنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. بولغان ئەھۋال شۇ!

سوئال: سىز، سىڭلىڭىز بىلەن ئادەتتە داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇراتتىڭىزمۇ؟

جاۋاب: بۇ سىڭلىم بىلەن ئىلگىرى كۆپ تېلېفونلىشاتتۇق، لېكىن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ مەن سەۋەبلىك ئاۋارىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇندىن كېيىن ئالاقىمىز بىرئاز سۇسلاپ قالدى. ئائىلىمىزدە بۇ سىڭلىم مېنىڭدىن كېيىنكىسى، ئىككىمىزنىڭ ياش پەرقىمۇ كۆپ ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا كۆڭلىمىز ئەڭ يېقىن ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇشۇ سىڭلىم ئارقىلىق ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتىم. بۇ سىڭلىم ئۆتكەندە تېخى دەم ئېلىشقا چىقىپ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. ئۆزى يالغۇز، بالىلىرى بىلەن بىللە ياشايتتى.

سوئال: بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ سىزنىڭ سەۋەبىڭىز تۈپەيلى سىڭلىڭىزنى ياكى باشقا بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزدىن بىرەرىنى ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئاۋارە قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

جاۋاب: شۇنداق، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ سىڭلىمغا كۆپ بېسىم بولغان ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم مېنىڭدىن كۆپ تېلېفون قىلماسلىقىمنى ئۆتۈنگەن ئىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئەھۋالنىڭ قىيىنلىقىنى پەرەز قىلىپ كۆپ تېلېفون قىلمايدىغان بولغان ئىدىم. پەقەتلا ئۆتكەن روزا ھېيتتا ھېيتنى قۇتلۇقلاپ ئۇچۇر ئەۋەتتىم. مەن ئۆتكەن يىلى غۇلجا چولۇقايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا پوچتىدىن بىر خالتا ئەۋەتكەن ئىدىم. ئاكامنىڭ كۈيۆئوغلى شۇنى سۈرۈشتۈرۇپ بارسا، ساقچىلار ئۇنى بىر ھەپتە قاماپ قويۇپتۇ. ئومۇمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بېسىم قىلىۋاتقىلى خېلى بولدى.

سوئال: سىڭلىڭىزنى تۇتقۇن قىلغان ۋاقىتتا ساقچىلار ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئۇنى تۇتۇشتىكى سەۋەبتىن ئۇقتۇرۇپتىمۇ؟

جاۋاب: ياق، تۇتۇش سەۋەبىنى دېمەپتۇ. كىچىك سىڭلىم ساقچىخانىدىكى بىر ئۇيغۇر ساقچىدىن يوقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق بويىچە تۇتۇلدى، باشقا ئىشنى بىز ئۇقمايمىز، قانچىلىك قامىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز دەپتۇ. ئۈرۈمچىدە بىر كونا تونۇشىمىز بار ئىدى، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتقان ئىدىم. ئىككىنچى كۈنى تېلېفون قىلسام ئۇ «ئۆينى مېھمانلار بېسىپ كەتتى، تېلېفوندا سۆزلىشىشكە چولام يوق، بۇ ئىشنى بىر ئاللاھدىن تىلىسەك بولغۇدەك!» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

سوئال: سىڭلىڭىز كۇيتوڭدىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ھازىر قەيەرگە قامالغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: ياق، قەيەرگە قامالغانلىقىنى، قانچىلىك قامىلىدىغانلىقىنى ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ، مەنمۇ بىلەلمىدىم.

سوئال: ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەن بۇ قىسمەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئورتاق قىسمەتلەرنىڭ بىرى. ئەمدى سىڭلىڭىز تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن سىز مەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا بولسۇن ياكى خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا بولسۇن، بۇ توغرىلىق ئەھۋال مەلۇم قىلىپ كۆردىڭىزمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، بۇ توغرىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆزلىشىپ كۆردۈم. ئۇلار مەندىن بۇ ھەقتە كۆپرەك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىمنى ئېيتتى. پەرىزىمچە، ئۇلارنىڭمۇ ھازىرقى ئەھۋالدا كۆپ ياردەم قىلالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ سىڭلىم ھەققىدە كۆپرەك ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەس. بىر ئاللاھدىن ئاسانلىق تىلىمەكتىن باشقا ئامالىم يوق.

سوئال: مۇشۇ مىنۇتلاردىكى ھېسسىياتىڭىزنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. سىز بۇ يولدا قۇربانلىق بەرگەن ياكى بەدەل تۆلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ مۇشۇ مىنۇتلاردىكى ھېسسىياتىڭىزنى بىلىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ھازىرقى ھېسسىياتىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيمەن. خىتاي مېنىڭ ئائىلەمگە تەگدى، بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان سىڭلىمنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ ئارقىلىق ماڭا بېسىم قىلىپ، بارلىق پائالىيەتلىرىمنى ۋە يازمىلىرىمنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلماقچى. ئۇ مېنىڭ بىر تۇغقان سىڭلىم شۇنداقلا ئەڭ يېقىن سىردىشىم! ئۇنىڭ مېنىڭ سەۋەبىمدىن تۇتۇلۇشى مېنى چەكسىز ئازابقا قويدى. ئىچىمدىكى ھەسرىتىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ئەمما مەن، بۇ سەۋەبلىك ماڭغان يولۇمدىن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايمەن. ۋەتەندە مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز تۇتۇلۇۋاتىدۇ، ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ شۇنداقلا ياشاش يولى قالمايۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەدەل تۆلىگۈچىلەرمىز. راستنى دېسەم، ئامالىم يوق، لېكىن مەن داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ مېڭىش يولىنى تاللىغان. شۇڭلاشقا ماڭغان يولۇمدىن قايتمايمەن. ئالدىمغا قاراپ ماڭىمەن!...

سوئال: دۇنيادىكى ھەققانىيەتنى قوللايدىغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئاللاھدىن ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئاسانلىق ۋە ساقلىق تىلەيمەن، سىزگە كۆپ رەھمەت!

جاۋاب: سىزگىمۇ رەھمەت!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.