جۈنكۇن شىركىتى ئاتۇش يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ سەمى نىياز ئاكىنىڭ 25 مو يېرىنى تارتىۋالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.11.29
ghulja-qaradong-yeza-baykol-etiz-yer-aghdurush.jpg نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يېرىم كېچىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزا بايكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان تۇرسۇن تۇرغۇننىڭ 8 مو بۇغدايلىقىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 17-ماي.
RFA


ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا زور مىقداردىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان خىتاينىڭ جۈنكۇن شىركىتى 2006 - يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ 500 مو يېرىنى مەجبۇرى ئېلىۋالىدۇ. ئاتۇش شەھەرلىك يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن شورۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق سەمى نىياز ئاكىنىڭ 25 مو يېرىمۇ ئاشۇ قېتىم مەجبۇرى تارتىۋېلىنىدۇ.

تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، جۈنكۈن شىركىتى ئۇنىڭغا پەقەت 8 مو يەرنىڭ ھەققىنىلا ھېسابلاپ ئاران 300 نەچچە مىڭ يۋەن پۇل بېرىدۇ. بۇنىڭغا نارازى بولغان سەمى نىياز ئاكا ھازىرغا قەدەر قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەتتا بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ بارىدۇ، لېكىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەرلىك دائىرىلەر ئىككى قېتىم ئۇنى تۇتۇپ قامايدۇ. ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دەسلەپ ئۇنى مەركەزگە ئەرزگە ماڭغان سەپىرىدە تۇتۇپ 32 كۈن قاماپ قويىدۇ. سەمى نىياز ئاكا بۇنىڭلىق بىلەن بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەيدۇ.

2010 - يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى يەر سېتىش قەغىزىگە ئىمزا قويۇشقا قىستايدۇ، ئۇ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغاندا بىر كېچىدىلا پۇت قوللىرىنى باغلاپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا 10 كۈن قاماپ قويىدۇ ھەمدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىللىنىپ ئۇنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى چېقىپ، خىتاي شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش سېلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۆت بالىسى بىلەن ئاران 40 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۆۋەن كاپالەتلىك ئۆيدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

سەمى نىياز ئاكا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۆزى دۇچ كەلگەن ناھەقچىلىكلەر ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

يەر جايلىرىدىن ئايرىلغان سەمى نىياز ئاكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قىلغان ئەرزى نەتىجە بەردىمۇ يوق؟ ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە بالا - چاقىلىرى ھازىر نېمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ؟ سەمى نىياز ئاكا رادىيومىز ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەنە قانداق يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتتى؟ بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.