يېڭىسار ناھىيىسىدە نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كۆزىتىش كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.19
meschit-nazaret-tekshurush-aparat-1.jpg ئۇيغۇر ئېلىدا كوچا، مەھەللە ۋە مەسچىتلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن بۇلۇڭ پۇچقاقلارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. 2010-يىلى 2-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

يېقىندا بىر رادىيو ئاڭلىغۇچى بىزگە خەت يېزىپ، يېڭىسار ناھىيىسىدە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كامېراسىنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاز كەلگەندەك، ئەمدى مەزكۇر ناھىيەگە قاراشلىق سىتىل يېزىسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى رادىيو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ باشقا يېزىلىرىدا دەسلەپكى قەدەمدە قاماق جازاسى بېرىلگەن ياكى تەربىيىلەشكە ئېلىپ كىرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ قورۇسىنىڭ ئالدىغا كۆزىتىش كامېراسى قويۇلۇپ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندا ئومۇميۈزلۈك ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تور، تېلېفون، كۆزىتىش كامېراسى، ئاپتوموبىل ئىز قوغلاش ئەسۋابى، ئېلېكترونلۇق كىملىك، يۈز تونۇش ئاپپاراتى قاتارلىقلار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر لار ئارقىلىق كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئۇنىڭ مەزكۇر پىلانىدا، ھەر قايسى ناھىيە، يېزا-كەنتلەردىكى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كامېرالىرىنى، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ھەر خىل ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى شۇ ناھىيەنىڭ ج خ ئىدارىسى قارمىقىدىكى ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش قوماندانلىق مەركىزى كۆزىتىدۇ ۋە كونترول قىلىدۇ.

سەيشەنبە كۈنى بىز، يۇقىرىقى رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن يېڭىسار ناھىيىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيەلەرگە تېلېفون قىلىپ، قاماق جازاسى بېرىلگەن ياكى تەربىيىلەشكە ئېلىپ كىرىپ كەتكەن «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» نىڭ ئىشىك ئالدىغا بىخەتەرلىك كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈردۇق.

سۈرۈشتۈرۈش داۋامىدا يېڭىسار ناھىيەسىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، يېزا-كەنتلەردىكى ھەر بىر«نۇقتىلىق ئائىلە» گە بىر كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى دېمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق ھەر بىر كوچىغا بىر كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

نۆۋەتچى: ھەئە لۇشاڭ بولدى، ھەممىسى ساق مېڭىۋاتىدۇ. كەنتلەرگىمۇ بېكىتكەن. ئاساسەن گاڭپىڭ، يېزىلىق ساقچىخانا، كەنت ساقچىخانىلىرىغا بېكىتتۇق.

مۇخبىر: نۇقتىلىق ئائىلىلەرگىچۇ؟ نۇقتىلىق ئائىلىلەرگە بېكىتتىڭلارمۇ- بېكىتمىدىڭلار؟

ساقچى: نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ مۇنداق ئىشىكىنىڭ ئالدىغا قويدۇق. ھەئە، بىر ئائىلىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا. يول بويىغىلام قويدۇق.

مۇخبىر: ھەر بىر كوچىغا بىرنىمۇ ياكى ھەر بىر نۇقتىلىق ئائىلىگە بىرنى قويدۇڭلارمۇ؟

ساقچى: ھەر بىر ئائىلىگە بىرنى قويمىدۇق. مۇنداق ئارىلىق قويۇپ قويدۇق. 100 مېتىر ياكى 200 مېتىر ئارىلىققا بىرنى قويدۇقمىكىن. ئاندىن 4 كوچا ئېغىزىغا ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىگە قويدۇق.

ئىلگىرى يەرلىك ئاھالىلەر بىزگە دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇش پۇلىنى «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» گە تۆلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق مەزكۇر ناھىيەدىكى باشقا بىر ساقچىخانىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتچى خادىمى، كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇلىنى «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» گە تۆلەتكەنلىكىنى رەت قىلدى.

نۆۋەتچى: كۆزىتىش ئاپپاراتى ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدى. قانچە كەنتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى مەن تازا ئۇقمايدىكەنمەن، ئەمما جىق يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.

مۇخبىر: كامېرانىڭ پۇلىنى «نۇقتىلىق ئائىلە تۆلەۋاتامدۇ ياكى ناھىيەنىڭ بۇنىڭغا ئاجراتقان پۇلى بارمۇ؟

نۆۋەتچى: بۇ يەردىكىگە دېھقانلاردىن پۇل يىغمىدى. ھۆكۈمەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قىلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: لېكىن بىز ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان كامېرانىڭ پۇلىنى نۇقتىلىق ئائىلىلەردىن ئېلىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىدۇققۇ؟

نۆۋەتچى: ياق، ياق، ئۇنداق ئەمەس. ياقەي، دۇكانلارغا ئورۇنلاشتۇرغان كامېرانىڭ پۇلىنى ئالدى بولغاي. نۇقتىلىق ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرغاننى ھۆكۈمەت قىلىپ بەردىمىكىن.

مۇخبىر: ئاشۇ ھەر بىر نۇقتىلىق ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا بىرنى ئورۇنلاشتۇردىڭلارمۇ ياكى نۇقتىلىق ئائىلە بار كوچىغا بىردىن ئورۇنلاشتۇردىڭلارمۇ؟

نۆۋەتچى: ياق، كوچىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئاشۇنداق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا. بۇ يەردە پۇلنى ئۇلارغا تۆلەتكەن ئۇنداق ئىش يوققۇ. باشقا يېزىلاردا بولغان-بولمىغانلىقىنى ئۇقمىدىم. ئۇنداق پۇلنى دېھقانلاردىن يىغمىدى. ھۆكۈمەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ھازىر.

بىراق خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئامانلىق سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئالغان مەزكۇر رايونىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كونترول سىرتىغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايىدا ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ»، دېدى.

نۇرى تۈركەل: «بۇنى ئىنگلىزچىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى دەيمىز. ئەمدى مۇشۇ كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش، ئىنسانلارنىڭ شەخسىيىتىگە كىرىش قانچىلىك نورمال بولىدۇ، دېگەن سوئالنى سوراش كېرەك. بۇنى سوراش ئۈچۈن بۇ تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئارزۇ-ئىستىكى بار دېگەنگە قاراش كېرەك. تەدبىرلەرگە قارىساق ئۇنىڭ ھەممىسى ھەددىدىن ئاشقان رادىكال تەدبىرلەر.... قانداق سەۋەبتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ تەدبىرلەرنى دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە كۆرگەنلىكىمىزنى، ئاڭلىغانلىقىمىزنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى يىغىپ ئېيتقاندا نېمىگە كېلىپ توختايدۇ، دېسىڭىز، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى بىلىدىغانلىقى، بۇ سىياسىتىنىڭ بىر كۈنى بىر يەردىن تېشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئەندىشە بىلەن قاراۋاتقانلىقى ياكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەچكە بۇ خىل ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك رادىكال تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، خەلق ئاممىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە، ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسى ھەققىدە پۇقرالار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 3 ھالقىلىق نۇقتا بارلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل: «بۇ مەسىلە توغرىسىدا 3 ھالقىلىق نۇقتا بار. بىرىنچىسى، 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارادا تور بىخەتەرلىكى ۋە شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ قوغدىلىشقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىق مەسىلىسى. ئىككىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشى ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ، بۇ خىتاينىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى، دەپ قارىغان بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان نەرسە. ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇرلاردىكى شەخسى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى، دېگەن ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقى ياكى بۇ ھەقتىكى قارىشىنىڭ روشەن بولماسلىق ئالامىتى. بۇ مەسىلىگە مۇشۇ 3 ھالقىدىن قارىساق بۇنىڭ مەنتەقە ئاساسىنى كۆرۈۋالالايمىز».

«نۇقتىلىق ئائىلە» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەقىب ۋە نازارەت قىلىنىدىغان ئائىلە ۋە شەخسلەر ئۈچۈن ياراتقان بىر سىياسىي تېرمىنى. دائىرىلەر بۇرۇن تۈرمىگە كىرىپ چىققان سابىق سىياسىي مەھبۇسلار، دىنىي، سىياسىي قارىشى پەرقلىق ئۇيغۇرلارنى «نۇقتىلىق ئائىلە» دەپ بېكىتىپ كەلگەن ئىدى.

بىراق دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردىن بېرى دائىرىلەر بۇ خىل ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ كاتېگورىيەسىنى كېڭەيتىپ، ناماز ئوقۇيدىغان، ھىجاپلانغان، دىنىي ئەھكاملارغا چىڭ، پەرزەنتى ياكى ئائىلە ئەزاسى چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ۋە ياكى ياشايدىغان، تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولىۋېلىنغان ئائىلە ۋە شەخسلەرنى «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.