17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ھەققىدە ئۈندىدارغا ئۇچۇر يوللىغان بىر ئۇيغۇر 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.12.31
kelpin-abdulbasit-uchur-wechat.jpg 17 ياشلىق ئابدۇلباسىت قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى سەۋەبلىك ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە تارقالغان ئۇچۇرلار. (2014-يىل ئاپرېل)
RFA/Qutlan


ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ياشنى كەلپىندە ناھەق ئېتىۋېتىلگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۈندىدارغا يوللىغانلىقى سەۋەبلىك 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل ئاپرېلدا ئوغلى ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن كەلپىن ناھىيەسى بىلەن باشقا جايلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە تۈرلۈك جازالارغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۈندىداردا ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ھەققىدە يوللانغان كىنايىلىك رەسىم (2014-يىل ئاپرېل)
ئۈندىداردا ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ھەققىدە يوللانغان كىنايىلىك رەسىم (2014-يىل ئاپرېل)

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كەلپىن خەلقىدىن باشقا ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان ۋە باشقا قوشنا ناھىيەلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر بۇ ھەقتە ئۈندىدارغا ئۇچۇر يوللىغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرىدا: «قېرىندىشىمىز قىزىل چىراغدىن موتوسىكلىت بىلەن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىۋېتىلدى. ئۇ بىزنىڭ شۇنداقلا سىزنىڭمۇ قېرىندىشىڭىز. ئۇيغۇر بولساڭلار، بۇنداق ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلماڭلار!» دەپ يازغان.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كىشى ئۈچتۇرپاندا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ 3 بالىنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
ئۈندىداردا ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ھەققىدە يوللانغان كىنايىلىك يۇمۇر (2014-يىل ئاپرېل)
ئۈندىداردا ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ھەققىدە يوللانغان كىنايىلىك يۇمۇر (2014-يىل ئاپرېل)

- مەن ھازىرغىچە ئوغلۇمنىڭ قەيەرگە كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۆز ۋاقتىدا بىر ئەرز يېزىپ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمىغا بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىناسىغا بارغان ئىدىم، لېكىن مېنى ھاكىم بىلەن كۆرۈشكىلى قويمىدى. ھەتتا ئەرز يېزىپسەن دەپ سولاپ قويدى. بۇ ئەرزنى يېزىشتا يېزىقچىلىق ۋە قانۇندىن خەۋىرى بار بىر تونۇشىمىزدىن مەسلىھەت ئالغان ئىدىم. ئۇ ماڭا بۇ ئەرزنى يېزىپمۇ بەرمىگەن، پەقەتلا مەسلىھەت بەرگەن ئىدى. كېيىن ئۇنى«"ئەرز يېزىپ قۇتراتقۇلۇق قىپسەن» دەپ بىر ھەپتە سولىدى، ئاندىن 1500 سوم جەرىمانە قويۇپ، مائاشىدىن تۇتۇپ قالدى. بۇ خېتىمنى كومپيوتېردا بېسىپ بەرگەن بىر ئايالنى 5 كۈن سولاپ قويۇپ بەردى. ئىشقىلىپ، بىزگە ھېسداشلىق قىلغان ياكى بىر قاچا تاماق سۇنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلدى. مېنى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيۈمدىن قوغلاپ چىقاردى، ھازىر يۈرچى يېزىسىدىكى ئۆيىمىزدە 5 پۇڭ كېلىدىغان يېرىمىزگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن. كىچىك ئوغلۇمدىن دائىم ئەنسىرەپلا يۈرىمەن، گويا ئۇنىمۇ تۇيۇقسىز ئېتىپ تاشلايدىغاندەك بىر قورقۇنچ ئىچىدە ئۇخلىيالمايمەن. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن كېسىلىپ كەتتى. كەلپىن جامائىتىدىن نەچچە ئونلىغان كىشىلەر تېخىچە تۇتقۇندا ياكى قاماقتا يېتىپ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچبىر يۆلەنچۈكىمىز قالمىدى…

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.