بىريۇسسېلدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.10.27
dolqun-eysa-pidaiy-sohbet.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى 26-ئۆكتەبىر.
RFA/Pida’iy

26-ئۆكتەبىر بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار باشقارمىسىدا، ياۋروپا ئۇيۇشمىسى بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەكىللىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

پائالىيەتكە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى قاتارىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتلىرىمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇرلار نامىدا بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، «ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى» دىن ئەنىۋەرجان ئەپەندىلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىندا بولۇپ ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئەپەندىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ياۋروپا ئۇيۇشمىسى بىلەن خىتاي ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دىئالوگى» يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق دىئالوگلار ئالدىدا، بۇ خىل دوكلات يىغىنلىرى بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇ قېتىملىق يىغىندا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەييارلىغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىغا يەتكۈزگەن. بۇنىڭدا ئەنىۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي، دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەقلىرى پايمال قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى، نۇقتىلىق زەربىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ماتېرىياللىرى بىلەن بىللە ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.