ئوتتاۋادا «كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادا ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف ئوتتاۋادا ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن كانادالىق سىياسەتچىلەرگە دوكىلات بەرمەكتە
كانادا ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف ئوتتاۋادا ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن كانادالىق سىياسەتچىلەرگە دوكىلات بەرمەكتە
RFA/Gulshen

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادىكى ھۆكۇمەت يىغىن زالىدا «كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتاي - كانادا مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تىمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى كانادادىكى بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتى بىلەن يېشىللار پارتىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىنغا كانادالىق سىياسەتچىلەردىن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى پارلامېنت ئەزاسى ئېلزابىت مەئى خانىم، دېموكراتىك پارتىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە ئوبزۇرچىسى پارلامېنت ئەزاسى مارستون ئەپەندى، شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى جون ۋەستون قاتارلىقلار قاتناشقاندىن باشقا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى قىيۇم مەسىمۇف، دىموكراتىك خىتاي فېدىراتسىيۇنىنىڭ باشلىقى شېڭ شۆ، كانادا فالۇن دافا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى شۇن لى، كانادا تىبەت تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كۇنساڭ تانزىن شۇنداقلا بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مەجىد ئەل شافى قاتارلىقلار قاتناشتى، يىغىندا خىتاي ئۆكتىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت نېفىتچىلىك شىركىتىنىڭ كانادا نەكسۇن شىركىتىنى سېتىۋېلىشىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كانادالىق سىياسەتچىلەرگە ئاڭلاتتى. يىغىندا ئالدى بىلەن كانادادىكى بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتى تەييارلىغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ھۇججەتلىك فىلىم قويۇپ بېرىلدى.

يېشىل پارتىيە رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى Elizabeth May خانىم كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ناملىق يىغىندا سۆز قىلماقتا
يېشىل پارتىيە رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى Elizabeth May خانىم كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ناملىق يىغىندا سۆز قىلماقتا RFA/Gulshen

25 - مارت كەچ سائەت 7 دىن ئاشقاندا باشلانغان يىغىننىڭ كەچ سائەت 9 غا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. يىغىندا خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن دېموكراتىك خىتاي فېدىراسسىيۇنىنىڭ باشلىقى شېڭ شۆ خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى «بىز بۈگۈنكى يىغىنغا بىر نەچچە خىتاي ئوقۇغۇچىنى تەكلىپ قىلغان ئىدۇق، ئەمما ئۇلار ھۆزۈرخاھلىق ئېيتىپ تەكلىپىمىزنى رەت قىلدى. بىز ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئوقۇغۇچىلار بىزگە، ئۆتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە خىتايغا قايتقان ۋاقتىدا، كانادادا ئادەتتىكى بىر نورمال قانۇنلۇق پائاليەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق سوراققا تارتىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنداق بىئارام قىلىنىش يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى.»

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كانادادىمۇ خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتقانلىقىنى، داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق ئادەتتىكى ئىنسانلىق ھوقۇقىغىمۇ ھۆرمەت قىلمايۋاتقان بىر دىكتاتۇر دۆلەت بىلەن كانادانىڭ زور ھەجىملىك بىر سودا مۇناسىۋىتىگە كىرىشىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغانلىقىنى كانادالىق سىياسەتچىلەرگە ئاڭلاتتى.

كانادادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن فالۇن دافا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى شۇن لى ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ 1999 - يىلىدىن ئېتىبارەن فالۇن دافا مەشقچىلىرىگە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىش بىلەن بىرگە، كانادانىڭ نەكسون نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالماقچى بولغان خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ بۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان 8 نەپەر ئىشچىنى فالۇن دافانى مەشق قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق قىيىن قىستاققا ئالغانلىقىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كانادادەك كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەتنىڭ خىتايغا ئوخشاش دىكتاتۇر بىر دۆلەت بىلەن قويۇق سودا مۇناسىۋىتىگە كىرىشى كانادادا ياشاۋاتقان فالۇن دافا مەشقچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى كانادالىق سىياسەتچىلەرگە ئاڭلاتتى.

تىبەت ئۆكتىچىلىرىدىن كۇنساڭ تەنزىن بولسا تىبەتتە كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان چۈشكۈن راھىپلارنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، كانادانىڭ خىتايدەك بىر دىكتاتۇر دۆلەتكە ئۆز يەر ئاستى بايلىقلىرىنى سېتىشىنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەرنى ئىنتايىن بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قېيۇم مەسۇموف سەھنىدە كانادالىق سىياسەتچىلەرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقىنى كىيگۈزۈش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، يېقىندا جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا، ئۆزىنى خىتاي دىپلوماتلىرى دەۋالغان بىرقانچە خىتاي كومۇنىست پارتىيەسى ئادەملىرىنىڭ، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تېررورچى قالپىقى كىيگۈزۈپ قانداق قارىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كانادالىق سىياسەتچىلەرگە ئاڭلاتتى. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى بۇنداق قارىلىشى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈردى ۋە كانادانىڭ خىتايدەك بىر كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە كىرىشىنىڭ، كانادانىڭ دۇنيادىكى يۈز - ئابرۇيىنى يەرگە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى. قېيۇم يەنە، بۇ مەسىلە پەقەت خىتاينىڭ مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى كانادانىڭ مەسىلىسى دېدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا كانادالىق سىياسەتچىلەرمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە خىتاي مەسىلىسىدە ستەۋېن خارپېر ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت