«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلار لوندوندا نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-12-11
Share
kishilik-hoquq-kuni-engiliye-namayish.jpg «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 10-دېكابىر، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلار 10‏-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا ماي خانىمغا تەلەپ خېتى سۇندى.

نامايىشنى ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ھەمكارلىشىش گۇرۇپپىسى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىدا «ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە» دېگەن سۆز-ئىبارىلەر يېزىلغان ئىنگلىز، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدىكى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا شوئار توۋلاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا تىبەتلىكلەر، بىر قىسىم خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەخىمە مەخمۇت خانىم ۋە كېرەم زاھىر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

رەخىمە مەخمۇت خانىم 10-دېكابىردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيەدىكى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە دېموكرات خىتايلار بىرلىكتە لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، نامايىشتا ھەر مىللەتتىن ئىككىدىن سىياسىي مەھبۇسنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

رەخىمە مەخمۇت خانىم نامايىشتا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئىلھام توختى بىلەن گۈلمىرە ئىمىننى تونۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، نامايىش جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەييارلانغان بىر پارچە خەت ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا ماي خانىمغا سۇنۇلغان ۋە شۇ مەيداندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن كېرەم زاھىر ئەپەندى 2 سائەت داۋاملاشقان بۇ نامايىشنىڭ لوندوندا زور تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ «ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» 8 يىلدىن بېرى لوندوندا كۆپ قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بارغان. رەخىمە مەخمۇت خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىلقى نامايىشنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەرەپلىرى بار ئىكەن.

ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ھەمكارلىشىش گۇرۇپپىسى»بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى لوندوندا قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى 10-دېكابىر «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتىكەن. ئۇلار يەنە خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ئەنگلىيەگە زىيارەتكە كەلگەندە ياكى خىتاي تەرەپ لوندوندا چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغاندا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشلارنى تەشكىللەپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت