ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.03.29
duq-yawropa-parlamenti-yighin-1.jpg

د ئۇق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ئىلھان كۈچۈك(سولدىن ئۈچىنچى) ئەپەندىگە رەھمىتىنى بىلدۈرمەكتە. 2017-يىلى 27-مارت، بىريۇسسېل. RFA/Ekrem

duq-yawropa-parlamenti-yighin-2.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-مارت، بىريۇسسېل. RFA/Ekrem

duq-yawropa-parlamenti-yighin-3.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-مارت، بىريۇسسېل. RFA/Ekrem

duq-yawropa-parlamenti-yighin-4.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-مارت، بىريۇسسېل. RFA/Ekrem

duq-yawropa-parlamenti-yighin-5.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-مارت، بىريۇسسېل. RFA/Ekrem

duq-yawropa-parlamenti-yighin-6.jpg

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-مارت، بىريۇسسېل. RFA/Ekrem

29-مارت چۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.

د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش پروگراممىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، 29-مارت كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا 15 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلار ۋەكىللىرىدىن سىرت، ياۋروپا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خادىمى، پارلامېنت ئەزاسى ۋاجگېر ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، مەزكۇر يىغىن ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ئىلھان كۈچۈك ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزاسى تېرىنوسا قاتارلىق ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم مىللەت ۋەكىللىرى ھەمدە ئۇ ن پ ئو، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

سائەت 9:00 بىلەن باشلانغان بۇ يىغىنغا، ئۇ ن پ ئو خادىمى لۇسىيا خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئىلھان كۈچۈك، تېرىنوسا قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى، ئۆمەر قانات، ھاننو شېدلېر، نۇرى تۈركەل، پىتېر ئىرۋېن، زۇبەيرە شەمشىدىن، مەتتېن، ئەمەت، دولقۇن ئەيسا.... قاتارلىق ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە زىيالىيلار نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي جەھەتتىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، دىنىي زاتلارنىڭ قولغا ئېلىنىش، قامىلىش مەسىلىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى، دۆلەت ئاتلاپ ساياھەت قىلىشنىڭ چەكلىنىشى، بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا ياكى مەھەللىدىن ‏-مەھەللىگە بېرىشتىن ئىبارەت ئەقەللىي يۆتكىلىش ئەركىنلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ قامال قىلىنىۋاتقانلىقى، يول ‏-يولدا قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، يان تېلېفونلارنىڭ كونترول قىلىنىشى، ئىنتېرنېتلارنىڭ چەكلىنىشى، قالايمىقان تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈش قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا ئائىت كەڭ ساھەلەردە دوكلاتلار تەقدىم قىلدى.

4 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا يەنە، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى، پاكىستان، ھىندونېزىيە، تايلاند قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدەك ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە قېيىن تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىن جەريانىدا سوئال-جاۋاب ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىگە ئىزاھلار بېرىلدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ د ئۇ ق، ئۇ ن پ ئو ھەم ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىغىننىڭ ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرىغا مۇھىم بىر دوكلات تەقدىم قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن 50 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر دەرس بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدىن كەلگەن بىر ياش يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر قىزمۇ يىغىندىن كۆپ ساۋاق ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە مالايشىيادىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان يەنە بىر قىزمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يىغىن 4 سائەت داۋام قىلىپ ئاخىرلاشتى. يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەكىللەر سائەت 13:00-15:00 گە قەدەر تەشكىللىك ھالدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىزمەت بىناسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا كومىسسىيونى ھەمدە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ خىزمەت فۇنكسىيۇنى ھەققىدە مەخسۇس دەرس ئاڭلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.