كۈنەس ناھىيە توقاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.05.01

ئىگىلىشىمىزچە، كۈنەس ناھىيە بازىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان توقاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكتىكەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئۇيغۇر دېھقان ھاشىمجان ئاۋۇت نۆۋەتتە توقاي كەنت ئاھالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەن 15 كۈنلۈك سولاقتىن ئەمدى چىقتىم!

ھاشىمجان ئاۋۇت تەخمىنەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا توقاي كەنتىدىكى يەرلىك دېھقانلارغا ۋاكالىتەن ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەرنى تورغا ئېلان قىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇكىسى ۋە باشقا دەۋاگەر دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى:
«ماڭا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ ئالالمىغىنىڭىز راست، چۈنكى مېنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى. 15 كۈن قاماقتا يېتىپ چىقتىم. ساقچىلار قولۇمدىكى تېلېفوننىمۇ تارتىۋالدى. ئالدىنقى كۈنى سولاقتىن چىقىپ قول تېلېفونۇمنى تەكشۈرسەم سىرتتىن شۇنچىلىك كۆپ تېلېفون كىرىپتۇ.»
«مەن ئۆزۈمگە تەۋە يېرىمدىكى كۆچەتلىرىمنى كېسىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى بېسىپ كېلىپ مېنى ئۇرۇپ-دەسسەپ تۇتتى. ئىككى قولۇمنى كەينىمگە قايرىغىنىچە ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ باردى، ئاندىن ساقچىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش قارارنامىسىنىمۇ كۆرسەتمەستىن قاماقخانىغا 15 كۈن سولاپ قويدى. مەن قاماقخانىدىن بوشىنىپ چىقىپ دەۋالىشىپ يۈرۈپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇش قارارنامىسىنى تۈنۈگۈن قولۇمغا ئالدىم.»

يەرلىرىمىزنى مەجبۇرىي تارتىپ ئېلىۋاتىدۇ!

ھاشىمجان ئاۋۇت توقاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى يەر دەۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىزنىڭ توقاي كەنتىمىز كۈنەس ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتاش، جايلاشقان ئورنىمىز ياخشى. كەنتتە 3 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار، ئۇنىڭ 70% ئى ئۇيغۇر، ئۇندىن باشقا قازاق، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ بار. 2011-يىلىدىن باشلاپ كۈنەس ناھىيە بازىرىنى كېڭەيتىپ، يېڭى شەھەر بەرپا قىلىمىز دېگەن باھانە بىلەن ھۆكۈمەت يەرلىرىمىزگە چىشىنى بىلىگىلى تۇردى. بىرقانچە يىللار ئىلگىرىلا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئىدارىلەرنىڭ خىزمەت بىنالىرىنى يېڭىدىن سېلىپ يۈرۈشلەشتۈرگەن ئىدى. 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا ناھىيەمىزگە جيا يىشېڭ دېگەن بىرى پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلدى. ئۇ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىمەن، يېڭى تەرەققىيات رايونى قۇرىمەن دەپ، بىزنىڭ توقاي كەنتىنىڭ يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. يەر دېھقاننىڭ جېنى، يەردىن ئايرىلساق بىز نېمە ئىش قىلىمىز دەپ ئۇنىمىدۇق. ئەمما ئۇ بىزنىڭ توقاي كەنتىنىڭ سېكرېتارى لى جۈ بىلەن بىرلىشىپ يەرلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى. ناھىيە بۇنىڭدىن 6 يىل بۇرۇنلا دېھقانلارنىڭ يەر خەتلىرىنى يېڭىلاپ بېرىمىز دەپ ئېلىۋالغان. ئۇنىمۇ بەرمىدى. يېرىمىزنىڭ ھەر موسىغا 25 مىڭ سوم بېرىپ ئالىمىز دەيدۇ. دېھقانلار ئۇنىمىسا ھەر خىل بېسىملار بىلەن يەر سېتىش قەغىزىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى. مەن ھازىرغىچە قول قويماي تىركىشىپ تۇردۇم، لېكىن يېرىمنى تېرىغىلى قويمايۋاتىدۇ.»

يىللارچە ئەرز قىلىپ نەتىجە چىقىرالمىدۇق!

ھاشىمجان ئاۋۇت ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ناھەقچىلىككە چىدىماي دەرىجىمۇ‏-دەرىجە يوقىرىلاپ ئەرز سۇنغانلىقىنى، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ جەرياندا كۈنەس ساقچىلىرىنىڭ دېھقانلارغا قىلغان زوراۋانلىقلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«مەن دەۋا قىلىپ يۈرۈپ ھۆكۈمەتنىڭ يەر قانۇنىنى ئۆگەندىم. بىزنىڭ كۈنەس ناھىيە بازىرىنىڭ بىنالىشىش نىسبىتى تېخى 40%, قالغان 60% ئۆيلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك يەر ئۆي. گوۋۇيۋەننىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىنى كۆردۈم، ئۇنىڭدا 70% ئى تېخى بىنالاشمىغان ناھىيەلەردە شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشكە ۋە دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى بۇزۇپ قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدۇ دەپ يېزىپتۇ. شۇ بويىچە يۇقىرىغا ئەرز قىلدۇق. ھالبۇكى، يەرلىكتىن تارتىپ تاكى ئاپتونوم رايونغىچە ئەمەلدارلارنىڭ تىلى بىر ئىكەن. بېيجىڭغىچە باردۇق، يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئېلىپ كەلگەن خېتىمىزگە ناھىيە رەھبەرلىرى پىسەنت قىلمىدى. بىرقانچە قېتىملار بىزنى ئەرزگە ماڭغان يولىمىزدىن تۇتۇپ كېلىپ سولاپ قويدى. ئومۇمەن كەنتىمىزدە دەۋا قىلىپ چىققانلاردىن ئۇرۇپ-سوقۇلمىغانلار ياكى سولاقتا ياتمىغانلار يوق دېيەرلىك.»

يەرلىرىمىزنىڭ پايدىسىنى ناھىيەلىك پارتكوم سېكرېتارى كۆرۈۋاتىدۇ!

ھاشىمجان ئاۋۇت يەنە مۇنۇلارنى تەكىتدى:
«ھازىر بۇ ئىشنىڭ بېشىدا ناھىيەنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جيا يىشېڭ بار. بۇ ناھەقچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، دېھقانلار بۇنىڭغا ئۇنىمىسا ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شۈ ۋېيچاڭ ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ دېھقانلارنى ئۇرىدۇ، قامايدۇ. كەنتىمىزنىڭ سېكرېتارى لى جۈ ئۇلارغا ماسلىشىپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن دېھقانلارنى يەرنى سېتىپ بېرىشكە قىستايدۇ.»

«ئۇلار بىزدىن يەرلىرىمىزنى ھەر موسىغا 25 مىڭ سومدىن بېرىپ مەجبۇرىي ئالغان. كېيىن ئاڭلىساق، بۇ يەرلەرنىڭ ھەر موسىنى ئىچكىرىدىن كەلگەن خەنزۇ شىركەتلىرىگە 400 مىڭدىن 450 مىڭ سومغىچە سېتىپتۇ. ئارىلىقتىكى بۇ زور پايدا ئۇلارنىڭ شەخسىي چۆنتىكىگە كىرىپ كەتمەكتە. مەن ۋە باشقا بىرقانچە دەۋاگەر يەر سېتىش قەغىزىگە قول قويماي تىركىشىۋاتىمىز. ئەمما ئۇلار بىزنى ئىچىمىزدىن پارچىلاپ، بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كېچىدە كىرىپ سوۋغا-سالام ۋە قۇرۇق ۋەدىلەر بىلەن ئۇلارنى قول قويغۇزدى. بالا-چاقىلىرى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ئائىلىلەرگە بالىلىرى ئارقىلىق بېسىم قىلىپ قول قويغۇزدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.