دەردمەن ئانا پاتىگۈل غۇلام: «كۇنمىڭ ۋەقەسىنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىسىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيدىغانلار بىز»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.03.06
kunming-weqesi-saqchi-charlash.jpg پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن قوراللىق كۈچلەر ئەتراپنى چارلىماقتا. 2014-يىلى 3-مارت، كۇنمىڭ.
AFP

1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان بارلىق گۇرۇھ ۋە شەخسلەرنى ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە پىكىر قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن 5-ئىيۇل غايىبلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. غايىب ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، بۈگۈن كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلىپ «ۋەقەنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىسىنى ئەڭ ياخشى چۈشۈنەلەيدىغانلار بىز» دېدى. ئۇ پەرزەنتىدىن ئايرىلغان بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئازابىنىمۇ ھېس قىلالايدىغانلىقىنى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۇجۇمچىلارنىڭ قەلبىنىمۇ تولۇق چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ خۇلاسىسىدە «ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا جاۋابكارى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى» دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.