لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.07.04
yighin-tehdit-astida-qalghan-insanlar-01.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىنسانلار» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 26-ئىيۇن. بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا 23-ئىيۇن ۋە 25-ئىيۇن كۈنلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن رىيان، شەھرىزات ۋە پىتېر ئىرۋېن قاتارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

27-ئىيۇندىكى بۇ يىغىننىڭ 5-بۆلۈمىدە يەنە گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شۋېتسارىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن بۇلغارىيە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدىكى ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» ناملىق يىغىندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئوچۇق ئېتىراپ قىلمايۋاتقان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. مانا ئەمدى، 9-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «36-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى» دىمۇ بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۈگۈن بىريۇسسېلغا قاراپ يولغا چىققان. 5-ئىيۇل كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە تەكلىپ ۋە دوكلات سۇنۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتاي بىلەن بولغان دىيالوگدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى زۆرۈر بولغان پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئاخىرقى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مۇنبەرلىرىدە ۋە خەلقئارادا رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدەن ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

9-ئىيۇلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى باشلىنىدىغان كۈنىدە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۆھبىتى» مۇ باشلىنىدىكەن. بۇ سۆھبەتكە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭمۇ قاتنىشىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق 9-ئىيۇل كۈنى بېرلىندىكى باش مىنىستىر مەھكىمىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىكەن. گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بېرلىنغا جەم بولۇپ، خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما خادىمى شەھرىزات خانىم د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى جانلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.