چېخ ۋە سىلوۋاكىيە ئالىملىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تاقاش» ھەققىدە مۇراجىئەت ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.12.13
mezkur-murajetname-elan-qilinghan-tor.jpg چېخ ۋە سىلوۋاكىيە ئالىملىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تاقاش» ھەققىدە ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىسى.
appealchinarights.home.blog

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېزدىن يامانلىشىپ مېڭىشى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلمىي ساھەنىڭمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىغانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ باشلامچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىش ھەمدە ئۇنى تېزدىن تاقاشقا چاقىرىق قىلىش سادالىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. 10-دېكابىر كۈنى چېخ ۋە سىلوۋاكىيەدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار ئىلمىي ساھەنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قارشى ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇنىنى قوزغىدى.

ئىنگلىزچە ۋە چېخ تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ مۇراجىئەتنامىگە چېخ ۋە سىلوۋاكىيە تەۋەسىدىكى جامائەتكە تونۇلغان ھەر ساھە كىشىلىرىدىن 115 نەپەر كىشى ئىمزا قويغان ئىدى. مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچەملىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقى قاتتىق ئەيىبلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور ساندا «تەربىيەلەش» لاگېرلىرى تەسىس قىلىپ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قامىۋالغانلىقى تەنقىدلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرنى خەلقئارادىكى بۇنىڭغا قارشى تەنقىد مەيدانىغا ئۆتۈشكە كەسكىنلىك بىلەن چاقىرىق قىلدى.

بىز بۇ مۇراجىئەتنامىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەمدە ئۇنىڭ بولغۇسى رولى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەييارلىنىشىدا زور كۈچ چىقارغان چېخ ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن دوكتور ئۆندرېي كلىمېس بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۆزىنىڭ «ئۆتكۈر» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسمى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان ئۆندرېينىڭ 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە بېغىشلانغان «قەلەم كۈرىشى» ناملىق كىتابىنى 2015-يىلى برىلل نەشرىياتى نەشر قىلغان ئىدى.

بىز ئۇنىڭدىن بۇ مۇراجىئەتنىڭ قانداق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ بىر كوللېكتىپ تىرىشچانلىقنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئەمەلىيەتتە چېخ ۋە سىلوۋاكىيەدىكى خىتايشۇناس ئالىملاردىن بىرنەچچەيلەن بىرلىكتە باشلىدۇق. مەن بولسام ئۇيغۇرلار ھەمدە شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلارنى ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ خىزمەتدىشىم مارتېن سلوبودنىك بولسا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىبەتلەرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چېخ ۋە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى باشقا ئالىملارمۇ ئالاقىدار تېمىلار بويىچە ئىزدىنىۋاتقان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم بىز ‹خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدە بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشنى ئويلاشتۇق. بىزگە بۇنىڭغا نېمە تۈرتكە بولدى، دېسىڭىز يېقىندا شىنجاڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى، بىريۇسسېلدىكى ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى قارارى قاتارلىقلاردىن بىزمۇ ئىلھام ئالدۇق. يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن ماددىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ مەسىلە ب د ت نىڭ مۇھاكىمىسىدىنمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. شۇڭا مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق مەزگىلدە شىنجاڭدىكى كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان ۋەزىيەتكە قارىتا ‹خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى› ئېلان قىلىنغان خاتىرە كۈندە شىنجاڭدىكى بارغانسېرى ناچارلاۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە بىر بايانات ئېلان قىلىش قارارىغا كەلدۇق. بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ ئىشقا تارتىشنى ئويلاشتۇق. بۇنداقتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان چۇقانلارغا يەنە بىر ئاۋاز قوشۇلىدۇ.»

مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ تەييارلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان يەنە بىر ئالىم سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپ بولغان كامىنيوس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تىبەتشۇناس مارتېن سلوبودنىك ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا مۇشۇنداق بىر ئاممىۋى مۇراجىئەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى چېخ ۋە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشتە بەكمۇ مۇھىملىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلىشتا چېن چۇەنگو ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىشى زور دەرىجىدە دىققىتىمىزنى تارتتى. بولۇپمۇ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ھەققىدە بارغانسېرى كۆپ مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن بىز بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى قارار قىلدۇق. بىر ئىنسان ۋە خىتاي تەتقىقاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئەھۋالنى باشقىلارغىمۇ بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى ھەم ئۇنتۇمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش ھەمدە ئىنسان ھەقلىرىنى نەزەرگە ئېلىش مەزمۇنىدىكى بۇ باياناتنى تەييارلىدۇق. بىزنىڭچە، بۇنداق بىر مۇراجىئەتنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى چېخ ۋە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك بەت-بەشىرە بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى تونۇۋېلىشىدا بەكمۇ زۆرۈر. خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم بىزنىڭ بۇ مۇراجىئىتىمىزگە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما مۇھىمى چېخ ۋە سىلوۋاكىيە ھۆكۈمەتلىرىنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش ھادىسىسىنى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدار سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردۇق. نېمىلا دېگەن بىلەن بىز مىليونلاپ ئۇيغۇر پەقەت مۇسۇلمان ياكى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا سولۇنىۋاتسا بىر چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۇشنى توغرا تاپمىدۇق.»

دوكتور ئۆندرېي بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلىشتا يالغۇز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا نىشان بولمىغانلىقىنى، يەنە بۇ ئارقىلىق چېخ ۋە سىلوۋاكىيە ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا توپلاش ئىشى ھازىر چېخ ۋە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدە تەڭلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز ئەسلىدە بىر دۆلەت بولساقمۇ ھازىر چېخ بىلەن سىلوۋاكىيە ئايرىم-ئايرىم ئىككى دۆلەت بولۇپ كەتتى. ئەمما بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىكى كىشىلەر ۋە جەمئىيەت ئارىسىدا ھېلىھەم كۆپلىگەن زىچ مۇناسىۋەت ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقايسى ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىممۇ بىز بۇ مۇراجىئەتنامىنىڭ ئىشىدا يەنە بىر قېتىم ھەمكارلاشتۇق. مۇشۇنداق بىر مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق بىرنەچچە خىل ئوخشاش بولمىغان سىگناللارنى يوللاشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىكى بىرىنچى ۋە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغىنىمىز لاگېرلارنى تېزدىن تاقاش ۋە زىيانكەشلىكنى توختىتىش. بىز بۇ ئارقىلىق خىتاينى ئەيىبلەش سادالىرىغا بىر ئاۋاز قوشۇلغۇسى، دەپ ئۈمىدۋارمىز. ئىككىنچىسى، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇلار شىنجاڭ دەپ ئاتاۋاتقان، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان بۇ رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇمغا دۇنيانىڭ شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىش، شۇنداقلا خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان سەلبىي سىياسەتلەرگە قارشى بولغان بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈش سادالىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئويلاشتۇق. تېخىمۇ مۇھىمى بولسا بىز بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلىشتا دېموكراتىيە ئاساسىدىكى چېخ ۋە سىلوۋاكىيە ھۆكۈمەتلىرىنى تېخىمۇ مۇھىم نىشان قىلدۇق. بۇ بۇ ئارقىلىق بۇ ئىككى ھۆكۈمەتنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندىدۇق. شۇنداقلا ئۇلارنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى تېگىشلىك دەرىجىدە نەزەرگە ئېلىنىدىغان بولغاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› غا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدۇق.»

بىز پروفېسسور مارتېن سلوبودنىكتىن «بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر نورمالدا ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. سىز بىر ئىلمىي خادىم تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ۋەزىپىنى ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىزىقتۇرۇشى سەۋەبلىك كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ئىنساپ» ئۆلچىمىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«بىر ھۆكۈمەت بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئەيىبلەش ئەسلىدە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى. ھالبۇكى خىتاينىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەدىكى رولىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمەتلەر بۇ خىل ئىشلارنى تازا خالاپ كەتمەس بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ بازار ۋە پۇل ئارقىلىق قىزىقتۇرۇشىغا دۈم چۈشكەن بىر قىسىم سىياسىيونلار ۋە سودىگەرلەر ‹بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشى›نىڭ تەسىرىدىن پىكىردە ئېغىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەبىئىي. دېموكراتىك دۆلەتتە جامائەت پىكرىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. شۇڭا خىتايدىكى باستۇرۇشلار ھەققىدە سۆز قىلىش مەجبۇرىيىتى ھازىر خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەمدە خىتايچە بىلىدىغان ئالىملارنىڭ زىممىسىگە چۈشۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدا يەنە مۇنداق ئىككى سەۋەب بار. بىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى شىنجاڭ، تىبەت مەسىلىلىرى ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدە ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، ھازىرقى باستۇرۇشتا بىزگە ئوخشاش كۆپلىگەن زىيالىيلار، مەسىلەن، ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت، تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلار تۈرمىگە چۈشۈۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال سابىق چېخسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا 1948-يىلى ۋە 1989-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان كومپارتىيەنىڭ پۇقرالارغا، بولۇپمۇ ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپلىگەن ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك خەلقئارادا «فاشىزمنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.