تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئات خادىملىرى ئەسكە ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.02
world-press-freedom 2018-يىللىق دۇنيا مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۈنى ئۈچۈن ئىشلەنگەن بەلگە
Photo: RFA

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھەر يىلى 3-ماي كۈنىنى «دۇنيا مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، 1993-يىلىدىن بۇيان بۇ كۈن دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

بۇ يىلقى خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس «2018-يىللىق دۇنيا مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۈنىدە مەن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىشكە ھەمدە ئاخباراتچىلارنى قوغداشقا چاقىرىمەن. مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئالغا سۈرۈش ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتنى بىلىش يولىدىكى ھەقلىرىمىز ئۈچۈن كۈرەشكەنلىكتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «پۇقرالارنىڭ مەتبۇئات ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ» دېگەن ماددىلارنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەقلەرنى قانداق قوغداۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ۋەز ئېيتىدۇ. خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بولسا ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزى تۈزۈپ چىققان ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ باشلامچى بولۇپ خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھېچقاچان بۇنداق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئەكسىچە كۆپلىگەن شەخسلەرنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن تۈرمىلەرگە مەھكۇم بولۇشىدىن بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق زور بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا تەبىئىي يوسۇندا كىشىلەرنىڭ يادىغا تېخى يېقىنقى يىللاردىلا، يەنى 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن بىر قاتار ئۇيغۇر ئاخبارات خادىملىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى كېلىدۇ. شۇلار قاتارىدا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى نىياز قاھار قاتارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئون نەچچە يىلدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدەك گۈلمىرە ئىمىن، دىلشات پەرھات، نۇرئەلى ئوبۇل، نىجات ئازاد، مەمەت تۇرغۇن، تۇرسۇن ھېزىم قاتارلىق تور ساھىبلىرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان «سەلكىن»، «دىيارىم»، «ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى» ۋە باشقا تور بەتلەر تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

يېقىندا ئامېرىكىغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ھامۇت شەخسەن ئاشۇ خىلدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش پائالىيەتلىرىگە بىۋاسىتە شاھىت بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا 2009-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا قولغا ئېلىنغان مۇخبىر غەيرەت نىيازنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىغا بايان قىلغانلىقى، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ئاخبارات خادىمىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىدە ئىش كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشتا ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلەرنى ئەڭ ئالدى بىلەن نىشان قىلىشى ئۇيغۇر ئاخبارات خادىملىرىنىڭ تەقىب قىلىنىشىدا ئەڭ روشەن ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز قىلغان تاھىر ھامۇت دەل غەيرەت نىيازدەك ئاخبارات خادىملىرىنىڭ «ھەقىقەتنى ياقلاش ئىستىكى» نىڭ «ئۆز بېشىغا بالا» بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشى يالغۇز ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر بىز» تورىنى بەرپا قىلىپ، خىتاي تورداشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتسىز قېلىۋاتقان دەرد-پەريادىنى ئاڭلىتىش ئۇرۇنۇشىمۇ خۇددى غەيرەت نىيازدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان ئىدى.

ئىلھام توختى بېيجىڭدا، يەنى خىتاينىڭ پايتەختىدىكى بىرقەدەر ئەركىن بولغان سىياسىي مۇھىتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرتەرەپلىمە قاراشلار، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەتناملار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان يازمىلار ھەققىدە ئادىل ۋە توغرا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى ئىجرا قىلماقچى، شۇنداقلا بىر تور بەت قۇرۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توغرا مەلۇمات بەرمەكچى بولغان ئىكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت تۇرسۇن، ئابدۇقەييۇم ئابلىمىت، مۇتەللىپ ئىمىن، ئاتىكەم روزى قاتارلىقلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىندى.

ئىلھام توختىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان ياۋروپادىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرىدىن مارىيە خولزمەن خانىم بۇنىڭ دىكتاتورىلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر مەملىكەتتە بىر ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىكتاتورا دۆلىتىدۇر. خىتاي شۇ سەۋەبتىن سۆز ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى ياكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى دېگەن ئامىللارنى قوپاللىق بىلەن بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزىگە پۇقرا بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى پايخان قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھازىر تولىمۇ خەتەرلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ يالغۇز خىتايدىكى خەلقلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە بىزنىڭ دېموكراتىيە سىستېمىمىز ئۈچۈنمۇ بىر چوڭ خەتەردىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتاينى ھەممىلا كىشى بەك ئۈنۈملۈك نەتىجە يارىتىۋاتىدۇ، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق دىكتاتورىلىقنىڭ ئاسارىتىدە ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقان نەتىجىلەردۇر. بۇنىڭدا مۇھىت، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرى بىر ياققا قايرىپ قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ بىر زور پرىنسىپ مەسىلىسى. تىنچلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر مۇشۇ يوسۇندا چەيلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھازىر كۈچلۈك سودا دۆلىتى بولۇپ تۇرۇۋاتقاچقا، بۇ بىزنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرىدىغان مەزگىلىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىز تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى دېگەنلەرگە مۇستەھكەم ئەقىدە باغلىغان بولساق ئۇ ھالدا خىتايغا كۈچ كۆرسىتىشىمىز لازىم. چۈنكى خىتاي پەقەت قۇدرەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىلا كۆرىدۇ. شۇڭا بىز بۇنداق ئىشلاردا ‹ئىلھام توختىنى ئەركىنلىككە چىقارساڭ ئاندىن بۇ ئىشنى ياكى ئۇ ئىشنى قىلالايسەن› دەپ شەرت قويۇشىمىز لازىم».

مارىيە خولزمەن خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشتەك بۇ خىل قىلمىشلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشكە تايىنىپ دىكتاتورلىقىنى دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئىزچىل دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. تېخى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق جايلاردىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارغان ياكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خالىس مەلۇماتلار تەييارلىغان مۇخبىرلارنىڭ چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىلىشى، ساقچىخانىلارغا ئاپىرىلىپ ئاختۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلار بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى دىكتاتورىلىق شەكلىدە بوغۇشتەك بۇ خىل قىلمىشىنىڭ خەلقئاراغا كېڭىيىشى يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىدا ئاشكارا بولغان ئىدى. بۇ ۋەقە دۇنيادىكى كۆپلىگەن چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئالغان ۋە زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.