«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» ئىستراتېگىيىلىك پىلانلار ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار سابىق مىنىستىرى نورمان بېيكېر ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گويتېر خانىم(ئوڭدىن ئۈچىنچى) لەر سۆز قىلدى. 2018-يىلى 8-نويابىر، ميۇنخېن.
«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار سابىق مىنىستىرى نورمان بېيكېر ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گويتېر خانىم(ئوڭدىن ئۈچىنچى) لەر سۆز قىلدى. 2018-يىلى 8-نويابىر، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى 8-نويابىردىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا ئاساسىي تېمىغا ئۆتۈپ مۇتەخەسسىسلەر، زىيالىيلار، سىياسىي ئاكتىپلار ۋە پېشقەدەم سىياسەتچىلەردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن دوكلاتلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى يىغىندا «شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشنىڭ 3 باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك پىلانى» نى ئىزاھلاپ ئۆتۈپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان ھەمدە 1-باسقۇچنىڭ غەلىبىلىك تاماملانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 

بۈگۈن 9-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن باشلاپ بەس-مۇنازىرىلەر قىزىدى. دوكلات تەقدىم قىلغۇچىلار «بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە قىلالايمىز؟ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەر قايسىلار؟ قانداق قىلغاندا جازا لاگېرلىرىنى تاقىتىپ، تۇتقۇندىكى 3 مىليون خەلقنى قۇتقۇزالايمىز؟ خەلقىمىزنىڭ ئۆز دىنى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ياشىيالىشى ئۈچۈن قانداق ياردەملەرنى قىلىش قولىمىزدىن كېلىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىدۇق ۋە يەنە نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئىستراتېگىيىسى نېمە؟ ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زور مىللىي توقۇنۇشلارغا نىسبەتەن قانداق تەييارلىقتا بۆلىشىمىز كېرەك؟ خىتاينىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پارچىلاپ يوق قىلىش سىياسىتىگە ۋە ئىچكى-تاشقى ھۇجۇملىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەرىكىتىنى قانداق كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستان ئاياللار ھەرىكىتىنى قانداق كۈچەيتىش لازىم؟ چەتئەللەردە مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل كرىزىس ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى قايسىلار؟ خەلقىمىز ئىچىدە ۋە دۇنيا سىياسىي سەھنىلىرىدىكى تەخىرسىز ۋەزىپىلىرىمىز قايسىلار؟» دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسەتتى. 

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، 3 كۈن داۋاملىشىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىدىن ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا 4 قىتئەدىكى 23 دۆلەتتىن 250 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، يەنە 50 ئەتراپىدا ياشلار ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىدى. ئامېرىكادىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىم يىغىن ھەققىدە توختالغاندا، ئومۇمىي ۋەكىللەرنىڭ بۇ يىغىنغا يۇقىرى باھالار بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دەپ ئاتاۋاتقان «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى كۆپلەپ مۇزاكىرىلەرگە قويۇلدى. قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن روزى مۇھەممەدھاجىم بۇ يىغىننىڭ خەيرلىك نەتىجىلەرگە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلنارا قاسىموۋا خانىممۇ ئۆز ئىستەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. 

بۈگۈنكى يىغىننىڭ 3-بۆلۈمىگە پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن زىيالىي رىشات ئابباس ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يىغىننىڭ خاتىمىسىدە ياخشى قارارلارنىڭ روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەردىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن بۈيۈك بىرلىشىشتىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئومۇمىي بىرلىكىنىڭ دائىملىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى 10-نويابىر ئاخىرلىشىدۇ. قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت