كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق بەرپا قىلىشى قېيىن، دەپ قارىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.08.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
pichan-lukchun-qaralliq-saqchi.jpg پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، يولدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى. 2013-يىلى 27-ئىيۇن.
AFP

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر رايون خەۋپسزلىكىنى كۆزىتىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

بۈگۈن خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى كۆزىتىش تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە رايون خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان بولۇپ، ئۇلار رايوندىكى ئېتنىك سۈركىلىشنى ئايىقى چىقمايدىغان بىر چەمبەر ئايلىنىشىغا ئوخشاتقان. شۇنداقلا ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۆۋەندە بۇ مۇلاھىزە ماقالىسىنىڭ مەزمۇنىنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان توختىماي ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ھەرقايسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە نېمىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى. ئەمما يەنە بەزى مۇلاھىزىلەردە بولسا كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق يارىتىشىنىڭ ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسىلەن، يېقىندا باش دېرىكتورى ئىتالىيەدىكى خەلقئارا خەۋپسزلىكنى كۆزىتىش تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋپسىزلىك دېلىغۇللۇقى ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىش» ماۋزۇلۇق ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ خۇددى بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، بىرى كۈچلىنىپ كەتسە، يەنە بىرى ئۆزىگە تەھدىت ھېس قىلىدىغان ۋە ئايىقى چىقمايدىغان چەمبەر ئايلىنىشىغا ئوخشايدىغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تارىختا بۇ رايوندا دۆلەت قۇرغان خەلق ئىكەنلىكى، 1949 - يىلىدىن كېيىن رەسمىي يوسۇندا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەنلىكى، بۇ رايوننىڭ 5 مۇسۇلمان دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان، نۇرغۇنلىغان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يەر ئاستى بايلىقلىرىغا مول زېمىنلىقى، شۇڭا بۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ ئېنىرگىيە خەۋپسزلىكى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دەل مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايوندىكى خەۋپسىزلىكىنى تەھدىت ئاستىغا ئالسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بېسىم ۋە دىنى چەكلىمە سىياسەتلىرى، توختىماي كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى پان تۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسنىڭ ئاساسى دەپ قارىغانلىقتىن رايوندا دىننى چەكلەيدىغان نۇرغۇن بەلگىمە - سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ھەتتا ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ساقال قويۇشتىن، ئاياللارنى ياغلىق چېگىشتىن چەكلىمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە بىۋاستە قىلىنغان بۇ ھۇجۇم بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئىلگىرىلەپ ئازايتماقتا.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن رايونغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكىشى، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئۇيغۇرلارغا بەرمەسلىكى، ئىش بازىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلىشى، رايوندىكى تەرەققىياتتىن پايدىنى خىتايلارنىڭ ئېلىشى ۋە نەتىجىدە تۈرلۈك قارشىلىق، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى قولدىن چىقىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بىر ئاقىۋەت. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئېتنىك سۈركىلىشلەرنى ۋە توقۇنۇشلارغا تېررور كاتىگورىيىگىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىشنى يەنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى، رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان مۇقىملىقنى يارىتىشنى كۆزلەيدىكەن. ئۇنىڭدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:

- خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش دېگەن سۆزنى تاللاپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى، ئۇيغۇر ئاكتىپلارنى خەلقئارا تېررورغا باغلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ، زوراۋانلىقنى ۋاستە قىلمىغان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، دېدى. ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىمۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەيلى كۆلەم، مەيلى شەكىل جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدىغان دەرىجىدە ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررور كاتىگورىيىگىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى، 24 سائەتلىك ساقچى چارلايدىغانلىقى، داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى خۇلاسە چىقىرىلغان:

- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېتنىك سۈركىلىش تولىمۇ مۇرەككەپ بىر ئەھۋال. ھەر ئىككى تەرەپتىن سۈركىلىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار مەۋجۇت. خىتاي ئۈچۈن گېئوئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ رايوننىڭ مۇستەقىل بولۇش ئېھتىماللىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى قاتتىق تەھدىت ئاستىغا ئالماقتا. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىنى خەۋپ ئىچىدە ھېس قىلىش ئۈچۈن يەتكۈدەك سەۋەبى بار. ئۇلارنىڭ كىملىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا، تىلى چەكلەنمەكتە، ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا چەتئەللىك تېررورچى قالپىقىنى كىيگۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ھۆرمىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن زور شۈبھە پەيدا قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت