مۇتەللىپ ئىمىننىڭ داۋاملىق نەزەربەند قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.07
mutellip-imin-uyghurbiz-bashqurghuchi.jpg ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا غايىب بولغان تور باشقۇرغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن. (يېقىنقى سۈرىتى)
www.uighurbiz.net

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆيىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن. ئەمما پاسپورتى ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنىپ ئۆزى يەنىلا ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنغان. مۇتەللىپ ئىمىن يېقىندا ئۇيغۇربىز تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، رادىئومىز باشقا يوللار ئارقىلىق ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مۇتەللىپ ئىمىن، 5-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر بىز تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا 79 كۈن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ،يەنىلا نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى. رادىئومىز مۇخبىرى چياۋ لۇڭ مۇتەللىپكە ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

مۇتەللىپ ئىمىن رادىئومىز مۇخبىرىغا يوللىغان ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرىدا، ساقچىلار ئۇنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، يېنىدا ھەتتا تېلېفونمۇ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. مۇتەللىپ يەنە ساقچىلارغا قويغان تەلەپلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ «مەن ئۇلاردىن كىملىكىمنى ۋە پاسپورتىمنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. مەن ئۇلارغا يەنە ئىستانبۇلغا قايتىپ ئۇ يەردىكى ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەكلىكىنىمۇ ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدىم» دېگەن.

7-نويابىر پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى مۇتەللىپ ئىمىننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى چارشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە، «ئۇلار( مۇتەللىپنى سوراق قىلغان ساقچىلار) ھازىر مۇتەللىپتىن قېچىپ يۈرۈۋېتىپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم. ھازىر مۇتەللىپنىڭ يېنىدا كىملىكى يوق، خىزمىتىمۇ يوق، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق. مۇتەللىپنىڭ پاسپورتى ۋە كىملىكىنى شىنجاڭ دائىرىلىرى تۇتۇپ قالدى.» دېگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە ساقچىلارنىڭ مۇتەللىپ ئىمىننى تۇتقۇن قىلىپ، سوراق قىلىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،«ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ساقچىلىرى ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئارقىلىق، مېنى ئەدەپلىمەكچى. ئۇلار مۇتەللىپكە مەجبۇرىي ھالدا بەزى يالغان ئىقرارنامىلەرنى يازدۇرۇپتۇ، ئاندىن بۇلارنى يادلىۋېلىشقا مەجبۇرلاپتۇ، ئۇنىڭغا، ئارتىسلارغا ئوخشاش ماھارەت بىلەن ئۆزلىرى يازغان نەرسىلەرنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا قايتا-قايتا ئوقۇتۇپتۇ. ئۇلار مۇتەللىپنى سىنئالغۇغىمۇ ئېلىپتۇ. بۇلارنى ماڭا مۇتەللىپ ئېيتقان ئىدى» دېگەن بايانلارنى بەرگەن.

ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان دائىرىلەر ئىلھام توختى ئەپەندى ئىشلەۋاتقان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، شۆھرەت تۇرسۇن، مۇتەللىپ ئىمىن، پەرھات قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تۇتۇپ كېتىپ سوراق قىلىش،سۆھبەت نامىدا چاقىرتىش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلاردىن ئىلھام توختىغا ۋە ئىلھام توختى ساھىپلىقىدىكى ئۇيغۇربىز تورىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سورىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.