شىۋېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

شىۋېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئابدۇقادىر ياسىن ئائىلىسى يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

گېرمانىيە ىسەۋەئلىك بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلائغۇچىنىڭ تەقدىرى.

شىۋېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئابدۇقادىر ياسىن ئائىلىسى يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئابدۇقادىر ياسىننىڭ ئايالى ئېغىرئاياغ بولۇپ، ئۇلارنىڭ 7 ياشلىق ۋە 2 ياشلىق ئىككى قىزى بار ئىكەن. شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5‏-سېنتەبىر كۈنى ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئابدۇقادىر ياسىن بىلەن ئايالى ۋە ئىككى قىزى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمنىڭ 170 كىلومېتىر شىمالىدىكى يەۋلە شەھىرىنىڭ بىر پاناھلىق ئورنىدا ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا مەزكۇر ئورگاندىكى بۇ دېلوغا مەسئۇل خادىملارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ مۈجمەللىكى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېتسىيە چېگرا ساقچىلىرى ئابدۇقادىر ياسىنغا ئۇنىڭ پات يېقىندا خىتايغا يولغا سېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ دەرھال سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇقادىر چارشەنبە، يەنى 5‏-سېنتەبىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇقادىر ياسىن مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەدە بىرەر يىلدەك تۇرۇپ (شىۋېتسىيەگە) يېنىپ كەلدۇق. چېگرا ساقچىسىمۇ ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. سىتوكھولمدىكى چېگرا ساقچىسى ‹سىلەر ئاشۇ ئەركىندەكلا 15 كۈن ئىچىدە يەۋلە دېگەن شەھەرنىڭ چېگرا ساقچىسىغا ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار. مەلۇم قىلمىساڭلار، مەجبۇرىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىمىز› دەپ چىقىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز يەۋلەگە يېنىپ كەلدۇق. يەۋلەگە كېلىپ ئۇ كۈنى بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە بالىلىرىم بىلەن باغچىدا ياتتۇق. 2 بالام بار ئىدى، ئايالىم تېخى 3‏-سىگە ھامىلىدار. چوڭ بالام 7 ياش، كىچىك بالام 2 ياشتا ئىدى. چوڭ بالام ۋەتەندە تۇغۇلغان 4 ياش ۋاقتىدا بىز بىلەن بىرگە چىققان. ئىككىنچى بالام ھازىر ئىككى ياشقا كىردى، ئۇ شىۋېتسىيەدە تۇغۇلدى. بىز ئەتىسى يەۋلەدە ساقچىغا تىزىملاتتۇق. ئۇلار بىزنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرىدىغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.»

مەزكۇر ۋەقە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى شۆبىسىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىمى چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇقادىر ياسىن دېلوسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر ۋە داۋاملىق يامانلىشىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. مەن سىزنى بۇنىڭدىن خەۋىرى بار دەپ قارايمەن. قىسقىسى، بىز يەنە شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ دەپ ھېسابلايمىز. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىمىز شۇكى، ھېچقانداق بىر سىياسىي پاناھلانغۇچى قايتۇرۇلماسلىقى ياكى قايتۇرۇلۇش قارارى ئىجرا قىلىنماسلىقى كېرەك.» ئۇ يەنە ئابدۇقادىر ياسىننىڭ دېلوسى ھەققىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق تاراتقۇلارغا شەخسنىڭ سىياسىي پاناھلىق دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە بۇ يىل 5‏-ئايدا 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇرنى ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان. گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىنلا گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇقادىر ياسىن ئايالى بىلەن 4 ياشلىق بىر قىزىنى ئېلىپ 2015‏-يىلى قازاقىستان ئارقىلىق شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى 2017‏-يىلى رەت قىلىنىپ، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دەل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قاماۋاتقان بىر مەزگىل بولۇپ، ناۋادا ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىگە تاشلىنىشى، بالىلىرىنىڭ يېتىم-يېسىرلار مەكتىپىگە يوللىنىشى ياكى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

ئابدۇقادىر ياسىن ئائىلىسى ئامال بولمىغانلىقتىن 2017-يىلى 5‏-ئايدا شىۋېتسىيەنى تاشلاپ ‏گېرمانىيەگە پاناھ تارتىپ بارغان. ئەمما «دۇبلىن كېلىشىمى» گە ئاساسەن ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمىغان. نەتىجىدە ئۇلار بۇ يىل 7‏-ئايدا شىۋېتسىيەگە يەنە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇقادىر ياسىن ئائىلىسىنىڭ شىۋېتسىيەدىن قايتا سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغاچقا ئۇلار ھازىر شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە قايتۇرۇۋېتىش قارارىنى ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرۈش ئىلتىماسى سۇنغان ئىكەن.

نىجات تۇرغۇن مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر ياسىن ئائىلىسى ‹دۇبلىن كېلىشىمى› گە ئاساسەن گېرمانىيەدىن قايتۇرۇۋېتىلىپتۇ. ھازىر ئۇلار شىۋېتسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئادۋوكاتلارغا ئىلتىماس قىلىپ قويدۇق. ئابدۇقادىرمۇ كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ قويدى. ئىلتىماسىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىشنى، يەنى كەتكۈزۈۋېتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. قايتۇرۇۋېتىشنى توختاتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى قايتىدىن كۆرۈلىدىغان گەپ. ئىلتىماس قىلىپ قويدى، ئەمما ئۇنىڭ قانداق نەتىجىسى بولىدۇ بىلمەيمىز. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ شەخسىي ھېكايىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۈگۈنكى كۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىقلىقى ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن دەپ بىر ئاز ئۈمىد بىلەن قاراۋاتىمىز. (لېكىن) كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلسىمۇ، ئەمما ھەر بىر پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ مەسىلىسىنى شەخسىي، ئىندىۋىدۇئال نۇقتىدىن كۆرگەچكە، بۇ جەھەتتە بىر ئاز مەنپىي نەتىجە تۇغۇلۇشى مۇمكىن.»

ئابدۇقادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەۋلە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنى ھازىر تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىق پاناھلىق ئۆيىنى بوشىتىپ بېرىشكە قىستىماقتىكەن.

ئابدۇقادىر: «ئەمما شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھازىر بىزنى زورلاپ ھەر ھەپتىسى ‹خىتاي كونسۇلىغا بېرىپ پاسپورت بېجىرىپ كەلمىسەڭلار، ياتاقتىنمۇ چىقىرىۋېتىمىز، پۇلنى توختىتىۋېتىمىز› دەپ قىستاۋاتىدۇ. كېلەر ھەپتە يەنە بىر سوراق بار، شۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى بۇلارنىڭ. شۇ كۈنى بېجىرگەن رەسمىيەتلىرىمىزنى كۆرسەتمىسەم، بىزنى مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىدۇ، تالادا قالىمىز.»

مۇخبىر: «مەجبۇرىي چىقىرىۋەتسە، ئايروپىلانغا سېلىپ يوللىۋېتىدىغان ئىش يوقتۇ؟»

ئابدۇقادىر: «ئۇنى مۇشۇ چېگرا ساقچىسى بېجىرىۋاتامدىكىن دەپ ئويلىدىم. چېگرا ساقچىسىمۇ ماڭا شۇنداق دېگەن، ‹بىزنىڭ تۆپىمىزدە باشلىقلىرىمىز بار. باشلىقلار مەيلى كۆچمەنلەر ئىدارىسى بولسۇن، مەيلى يۇقىرى سوت بولسۇن، مەيلى بىزنىڭ چېگرا ساقچىسىنىڭ باشلىقلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ بولدى، سىلەرنى چوقۇم ماڭدۇرۇۋېتىشنى دەپ بولدى. بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئاللىقاچان توختىتىۋەتكەن، بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئىجرا› دەپ. ئۇلارغا يەنە باشقىدىن ئىلتىماس قىلىدىغان ھوقۇقىمىز يوق ئىكەن.»

نىجات تۇرغۇننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش شىۋېتسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيانلىق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا بۆلۈمىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلار ئەھۋالنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى دېگەن. مەن ئۇلارغا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ، گېرمانىيەدىكى ئادرىان زەنسنىڭ چىقارغان لاگېرلار توغرىسىدىكى 3 دانە دوكلاتىنى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى يازما دوكلات بىلەن قوشۇپ بەرگەن. ئۇلار بۇ دوكلاتلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ ياخشى قىلىدىغانلىقى، ب د ت بولسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا بولسۇن، بۇنى كۆتۈرۈپ چىقىمىز دېگەن. ئەمما ماۋۇ كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسىلىگە باشقىچە قارايدۇ. بيۇكراتلار بۇيرۇق چۈشسىلا ماشىنا ئادەمدەك ئىجرا قىلىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ. لېكىن بۇ شىۋېتسىيەنىڭ ئوبرازىغا قارا تامغا ئۇرىدۇ.»

ئابدۇقادىر ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىرغان مەزگىلدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى ئۆتكەن گەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىنغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ «بىر مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ۋە لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇشىغا قارشى قاتتىق، نىشانلىق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇلار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، چېن چۈەنگۇ، سۈن جىنروڭ، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.