ساقچىلاردىن رابىيخان مۇسا ئانىغا ساختا مەرھەمەت: «سېنى ئوغلۇڭ ئۆزى كېلىپ ئەكەتسۇن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.28
rabiyxan-musa-pasport-xoshna.jpg رابىيخان مۇسا ئانا خوشنىلىرى بىلەن
RFA

ئۆتكەن ھەپتە رابىيخان مۇسا ئانىغا «تامغا ئۈسۈۋالىسىز !» دەپ تەھدىت سالغان خىتاي ساقچىلىرى، بۇ ھەپتە مەرھەمەت ئىنتوناتسىيىسىدە يېڭى بىر تەكلىپ سۇنغان؛ يەنى ئۇنى چەتئەلدىكى ئوغلىنىڭ بۆرتالاغا ئۆزى كېلىپ ئەكىتىشىگە يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رابىيخان مۇسا ئانا بۇ تەكلىپنى كەسكىن رەت قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭغا، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىن قۇسۇر ئىزدەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ئاخباراتىغا سۆز قىلىپ، چەتئەلدىكى رابىيە قادىر تەرەپتارلىرىنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىك ھەققىدە قايتا ئاگاھلاندۇرغان. رابىيخان ئانا پاسپورتى قولىغا تەگمىگىچە ھەقنى سۆزلەشتىن يانمايدىغانلىقىنى تەكرارلىغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.