پەترا كولونكونىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە كۆرگەن، بىلگەنلىرى (1)


2014.05.09
Xitay-qoralliq-saqchi-urumqi-kocha-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 2 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ.
AFP Photo

گېرمانىيىلىك سىياسىي ئاخباراتچى پېترا كولونكو 30 - ئاپرىل پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىندا فرانكفۇرت مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىسىدە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

شەرقىي ئاسىيا سىياسىي ئاخباراتچىسى پەترا كولونكو خانىم «شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: «خىتاينىڭ دۆلەت رەھبىرى شى جىنپىڭ شىنجياڭ بۆلگۈنچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرىۋاتىدۇ. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى نەپرەتلىرى كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇققا تايانغان ھۇجۇملىرى بۈگۈن ھەتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۈرىكىگىچە يېتىپ باردى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «بايرام كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىدا، مەيلى مەسچىتكە كىرىۋاتقان ئەر بولسۇن ياكى سودا - سېتىق ئۈچۈن بازارغا چىققان ئايال بولسۇن، ھەممىسى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئۆتمەي قالمايدۇ» دەيدۇ. پېترا خانىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسچىتنىڭ ئالدىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ مەسچىت ئەتراپىنىڭ مۇھاپىزەت ۋەزىيىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

«مەسچىت ئالدىغا بەش دانە ساقچى ئاپتوموبىلى توختىتىلغان بولۇپ، تولۇق قوراللانغان ساقچىلار جىددىي ھالەتتە ئىدى. مەسچىتنىڭ چوڭ بازار تەرەپكە قارىغان يان مەيدانىغا يېشىل تۆمۈر رېشاتكىلارنى قالغان قىلىپ پىلىموتلىرىنى بەتلەپ تۇرغان بەش قاتار ماشىنىلاشقان قوشۇن تۇرغۇزۇلغان. بېشىغا ياغلىق چەككەن ۋە مىللىيچە كېيىنگەن بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەپرەتلەنگەن ھالدا: "جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە بىز ھەممىمىز ئوغرى ۋە تېررورچى" دېدى.»

پېترا خانىم بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ يەنە «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چەكلىمىلەر بەك كۆپ. ئەمما، بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز» دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. يەنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ زىيارەت قىلىۋاتقان مەسچىتنىڭ ئالدىدا، ساناقسىز قوراللىق خىتاي كۈچلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قورقماي قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزى ھېچ ئەندىشىسىز ئۆز ۋەتىنىنى «بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز» دېيەلەيدۇ. شەرقىي ئاسىيا سىياسىي ئاخباراتچىسى پەترا خانىم بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۆزىنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ماقالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىگە كىرىش سۆز ئورنىدا بېرىدۇ.

ماقالىدا بايان قىلىشىچە، ئاپتور بىر خىتاي تاكسى شوپۇرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ دۆڭكۆۋرۈككە قاراپ ماڭىدۇ. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايونغا كېلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى پېترا خانىم شوپۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا بىلىدۇ. خىتاي شوپۇر ئۇنىڭغا شۇنداق دەيدۇ «سىز راستىنلا ئەرداۋچاۋغا بارماقچىمۇ؟ ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. سىز ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر ئىنسانلار بولغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيسىز. نەرسە - كېرەكلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.»

بۇ يەردە، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش بولغانلىقى، توقۇنۇشتا 200 ئادەم ئۆلگەنلىكى ھەمدە ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ بەش يىل بۇرۇنقى شۇ قانلىق پاجىئەنىڭ ۋەھىمىسىدىن ھازىرغىچە قۇتۇلالمىغانلىقى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھۈركىيدىغانلىقى، دۆڭكۆۋرۈككە كېلىشتىن قورقىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. 5 - ئىيۇل ۋەقەسى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ زور ئېرقىي توقۇنۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاساسىي ئىدىيە ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ «ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققە بولغان زارىقىشىنى ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن» دېدى.

«شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىنىڭ «نۇرغۇن كىشىلەر خىتايچە بىرمۇ خەت بىلمەيدۇ» دەپ ئىسىم قويۇلغان بىرىنچى بۆلىكى «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي مۇقىملىق شۇئارى ئاستىدا قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرىنى قانات يايدۇردى. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تولۇق قوراللانغان تۆمۈر قالپاقلىق ساقچىلارنىڭ ھەممىلا يەردە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كامېرا ئورنىتىلمىغان بىرمۇ يەر يوق. مانا مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا 30 - ئاپرىل كۈنى يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇم يۈز بەردى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلىنىپ، ۋەقەدە 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 79 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ماقالىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئاندا - ساندا ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي بىنالارنى، بۇ شەھەردىكى مەسچىت مۇنارلىرىنى، ئاقلىچەك ۋە دوپپا كېيگەن ئۇيغۇرلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇلغانغان ھاۋا ھەم قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئىگىز ئىمارەتلىرى، سانائەت رايونلىرى بىلەن خىتاي شەھەرلىرىدىن ھېچ پەرقى قالمىغانلىقى، بۇ يۇرتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈدەك بىر ئالاھىدىلىكنىڭ كۆزگە چېلىقمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. رېستوران، دۇكانلارنىڭ ۋېۋىسكىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق يېزىلغان، ھاۋادا كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلار رايونى بىلەن خىتايلار رايونى ئارىسىدا روشەن پەرق بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە بىرمۇ ھەرپنى بىلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ «نۇرغۇن ۋەقەلەر جەنۇبتا يۈز بەرگەن» ناملىق 2 - بۆلىكىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ يەردە 1955 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى قۇرغاندا، بۇ زېمىندىكى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، 70 - ۋە 80 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 41%كە چۈشۈپ قالغانلىقى، خىتايلارنىڭ 43%نى ئىگىلەيدىغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق ھوقۇقنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەنلىكى ئىپادە قىلىنىدۇ.

«شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىنىڭ 2 - بۆلىكىدە يەنە، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار رايونىدا خىتايغا قارشى ھۇجۇم ھەرىكەتلىرى ھەمدە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى بەرپا قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بىر كۈچنىڭ بۇ ئەلدە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 30 - ۋە 40 - يىللاردا ئۇيغۇر ئىلىدا مۇستەقىل ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى خاتىرىلىتىلىدۇ. ماقالە ئاپتورى پېترا كولونكو خانىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى خۇاڭ ۋېينىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، خۇاڭ ۋېي ئۇنىڭغا ئالدىنقى يىلى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بەزىدە پىچاق بىلەن، بەزىدە قورال بىلەن ھۆكۈمەت ساقچىخانىلىرى، خىزمەت بىنالىرى ھەمدە خىزمەتچى خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدا كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

http://www.faz.net/aktuell/politik/ausland/asien/chinas-unruheprovinz-xinjiang-xis-kampf-gegen-den-terror-12919226.html

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.