«لاگېر» دىن قاچقان پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ تۇتۇلغان ئەمەس، ئېتىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى چىقتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.03
Peyzulla-Utuq.JPG غۇلجىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قاچقان گۇماندار پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە خىتاي ساقچىلىرى چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى.
RFA/Shohret Hoshur

بىز 4 ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دوختۇرخانىدىن قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئاھالىلەر بولسا لاگېردىن قاچقانلىقىنى مەلۇم قىلغان قورغاس كۆكدالالىق پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ بىر ھەپتىلىك ئاختۇرۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. تۈنۈگۈن يەنى 2-ئاۋغۇست كۈنى «بىتتەر ۋىنتېر» يەنى «زىمىستان» ناملىق خەلقئارالىق ئاخبارات ژۇرنىلى، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ ئوپېراتسىيەنىڭ ئاخىرقى كۈنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ خەۋەردىكى بەزى تەپسىلاتلار، پەيزۇللا ئۇتۇق دېلوسىدىكى بىر قىسىم ئېنىقسىز نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاي ساقچىلىرى چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 66-پولك دوختۇرخانىسىدىن قاچقانلىقى، ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئات ئوغرىلاپ تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى؛ «زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇق 2017 ‏-يىلى 5 ‏-ئايدا ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكىتىلىپ 3 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن؛ ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا تەربىيەلەشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرتىلغان. پەيزۇللا لاگېرغا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان 64-پولكتىن 63‏-پولك تەۋەلىكىگە يوشۇرۇن ئۆتكەن شۇ يەردىكى بىر كىچىك ئارالدا مۆكۈنۈپ تۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە شۇ ئارالغا ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن دەريا بويىدىكى بىر چارۋىچىدىن ئېتىنى سوراپ تۇرغان. چارۋىچى رازىمەنلىك بىلەن ئېتىنى پەيزۇللاغا بەرگەن ۋە ئارقىدىن ئېتىنىڭ قايتۇرۇلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ ئەھۋالنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئائىلىسى ۋە دوستلىرىغا بىلدۈرگەن. ئۈندىداردىكى بۇ ئۇچۇر ئارقىلىق پەيزۇللانىڭ لاگېرغا بېرىشتىن قېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان خىتاي ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، پەيزۇللانى تۇتقان؛ بۇ چاغدا پەيزۇللا ئۆزىنى تىغ بىلەن كانىيىدىن زەخىملەندۈرۈۋالغان. خەۋەردە يەنە بايان قىلىنىشىچە، ساقچىلار يارىدار پەيزۇللانى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 16‏-ئاپرېل كۈنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان پەيزۇللا، 27-ئاپرېل كۈنىگە كەلگەندە سالامەتلىكىدە ئەسلىگە كېلىش بولغان ۋە ئۆزىگە قاراۋاتقان ساقچى ئۇخلاپ قالغان پەيتتە يەنى ئەتىگەن سائەت 5 تە دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكەن. 

خىتاينىڭ پەيزۇللا ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن بىمار كىيىمى ۋە تەرلىك بىلەن چىقىپ كەتكەنلىكى يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە تەكرار لاگېرغا ئاپىرىلىشقا ئۇقتۇرۇش بارغاندا لاگېرغا ئاپىرىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى قاتارلىق مۇھىم پاكىتلار تىلغا ئېلىنمىغان. تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئۇ بىر ئات ئوغرىسى دەپ تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە پۈتۈن ئامما سەپەرۋەرلىككە چاقىرىلغان؛ يىپ ئۇچىنى يوشۇرغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. «زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە پەيزۇللا ئۇتۇقنى ئىزدەش ئۈچۈن 70 مىڭ كىشىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى، تەۋەلىكتىكى دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەرنىڭ تاقالغانلىقى بايان قىلىنغان. ژۇرنال بۇ تەپسىلاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ تۇتۇشقا بۇيرۇقىدا دېيىلگەن پەيزۇللانى ئات ئوغرىلىدى دېگەن پاكىتنىڭ ياسالما ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەينى چاغدىكى ئۇچۇرلاردىمۇ، پەيزۇللا ئۇتۇقنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىلى تەۋەسىدىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ، بولۇپمۇ قورغاس تەۋەسىدىكى دەريا، ئېتىز ۋە دۆڭلەرنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقى، ئاختۇرۇشقا قوراللىق كۈچلەردىن باشقا تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭمۇ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. 

«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە، پەيزۇللانىڭ ئىلگىرى قايسى لاگېرغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە بۇ قېتىممۇ قايسى لاگېرغا ئاپىرىلماقچى ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاھالىلەر، پەيزۇللا تەۋە بولغان 64-پولك، 14-روتا تەۋەسىدىكى كىشىلەرنىڭ 66 ‏-پولكتىكى لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ پەيزۇللا ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئۇنىڭ 66 ‏-پولكتىكى بىر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنمىغان. «زىمىستان» ژۇرنىلىدا يەنە دېيىلىشىچە، پەيزۇللا ئۇتۇق دوختۇرخانىدىن قاچقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ يا ئۆلۈكى يا تىرىكىنى دەرھال تېپىشنى بۇيرۇغان. رادىئويىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، يەرلىك ۋەزىپىدارلار، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ 1‏-ئاپرېل كۈنى قورغاس ناھىيىسىنىڭ «لياڭفانچاڭ»، يەنى ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. 

«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇنىڭ مەزكۇر ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن تېپىلغانلىقى ۋە ئۇنى قورشاۋغا ئالغان ساقچىلارنىڭ پەيزۇللانى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ خەۋىرىدە، ۋەقەدىن كېيىن تەۋەلىكتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر تۈركۈم ساقچى، كادىر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بايان قىلىنغان ؛ ئەمما بۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانىڭ پەيزۇللا ئۇتۇققا ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغانلىقى، يەنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بېرىلگەن ۋە ياكى پەيزۇللا ئۇتۇقنى دوختۇرخانىدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ۋە 5 كۈنگىچە تۇتالمىغانلىقى ئۈچۈن بەرگەنلىكى خەۋەردە ئەسكەرتىلمىگەن. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خەۋەردىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا، پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ ئىلگىرى لاگېردىكى مەزگىلدە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، رايون ۋەزىيىتىدە قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى، تىغ بىلەن ئۆزىنى زەخىملەندۈرگەن چېغىدا راستىنىلا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغان ۋە ياكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىش پۇرسىتىنى كۈتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قېچىش پىلانىدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان تەۋەلىككە قوشنا بولغان قازاقىستان قېچىپ چىقىش نىيىتى بولۇپ-بولمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.