ئابدۇراخمان مەتتۇردى: دادام سەكراتتا، ئايالىم كېسەل ھالەتتە، بالام ئانىسى قارنىدا ئۆلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.01.10
qorsaqtiki-bowaq-olturush.jpeg تېخى بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۇغۇلاي دەپ قالغان بوۋاق.
Photo: RFA

مۇخبىرىمىزنىڭ كېرىيەدە يۈز بەرگەن ھامىلە قەتلە قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، ھامىلىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئانىلاردىن بىرىنىڭ يوشۇرۇن يۈرەك كېسەل ئىكەنلىكى، ئۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلماقچى بولغاندا كېسىلى قوزغىلىپ ھوشىدىن كەتكەنلىكى ۋە ھوشسىز ھالەتتە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ بالىسى چۈشۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھەقتە رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن ئابدۇراخمان مەتتۇردى، ھوشسىز ئايالى دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا، دادىسىنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىنى، بالىسى چۈشۈرۈلۈپ ئىككى كۈندىن كېيىن دادىسىنىڭمۇ ئەلەم بىلەن دۇنيادىن ۋىدالاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.