قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھۆرلۈك ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە لاگېرلاردا ئازابلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.02.11
almuta-uyghur-lager-xatire-1.jpg قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆرلۈك ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە لاگېرلاردا ئازابلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا بۇرھان تاجىددىنوف ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. 2019-يىلى 8-فېۋرال، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

8-فېۋرال كۈنى كۈنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «ئامال» رېستورانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆرلۈك ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە لاگېرلاردا ئازابلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلىدى. دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن بولۇپ 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك، ياشلار، شۇنىڭدەك قازاق، ئېزەر، نوغاي، تاتار مىللەتلىرى ۋەكىللىرى بولدى.

مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئالمۇتا شەھىرى ئەۋېزوف رايونىنىڭ باش يىگىت بېشى بۇرھان تاجىددىنوف مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىن سىرت قالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاندىن بىر قاتار قارىملار ئازادلىق، ئەركىنلىك، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىلىق دوكلات قىلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست شاۋكەت نەزەروف خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بارىن، غۇلجا، ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماھىيىتى، مەزكۇر كۆتۈرۈلۈشلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى رولى، ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ بېشىغا ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپىلەرنى تەپسىلىي يورۇتتى.

ئاندىن سۆزگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى رەئىسى ھاكىمجان مەمەتوف خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى، يەنى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھەسى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن جىددىي، مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلەش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قانداق قىلسا قارشىلىق قىلغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا خىتاي زۇلۇمىدىن ئازاب چېكىۋاتقان خەلقلەرنىڭ بېشىنى قوشۇپ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەردە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان ئەزەرلەرنىڭ «تۇران» قۇرۇلتىيىنىڭ پرېزىدېنتى مۇسېيىب نورۇزوف، ئالمۇتا شەھەرلىك نوغاي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر قۇرماناقايېف، ئالمۇتا شەھىرى تاتار-باشقۇرت مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئىلمۇرات ۋافىنلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرىشىدە دائىم ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولۇش لازىملىقىنى ئېگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىگە ئېچىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرىدىن ئالمۇتا شەھەرلىك تاتار-باشقۇرت مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئىلمۇرات ۋافىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە باشقىمۇ خەلق ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىدىن بەك خۇرسەن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۇغقان قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، قازاقلار خىتايدا قىينىلىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان مەجلىسكە قوشۇلۇپ، بىزنىڭمۇ يۈرەكلىرىمىز ئاغرىۋاتماقتا. بىز ئۇيغۇرلارغا قانداق قىلساق، ياخشىلىق قىلالايمىز دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇراسىمغا كەلدۇق. بىزگە ھەقىقەتەنمۇ بىرىكىش مۇھىم».

مۇراسىم ئاخىرىدا «مىرئەلى» نەشرىيات ئۆيىنىڭ مۇدىرى ئەلىشىر خەلىلوف قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نامىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي كومىسسارىغا ئەۋەتىدىغان مۇراجىئەتنامىنى ئوقۇدى.

«ئېھسان» ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ئەزاسى سەدىردىن ئايۇپوف بۇ مۇراسىم ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ ئويغىنىشىنى بۈگۈنكى نەزىرىمىزدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىز مۇشۇنداق يىغىلىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزگە ھېسداشلىق بىلدۈرەلەيمىز. كەلگەن مېھمانلارنىڭ يۈزىدىن غەم ۋە ۋەتەنگە بولغان ھېسداشلىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قاراساي ناھىيەسىگە قاراشلىق قارغالى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنە شۇنداق خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ مۇراسىم ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ھامۇت ھۈسەيىنوف يېزىدا 130 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ئويلاندۇرماي قويمايدۇ. بىز 1997-يىلدىن كېيىن بىر يىل ئۆتۈپ، نەزىر ئۆتكۈزدۇق. تالاي يىللاردىن كېيىن مانا قىرغىنچىلىقلارغا، لاگېر ۋەقەلىرىگە ئاتاپ نەزىرلەرنى ئۆتكۈزدۇق».

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى چوڭ نامايىشلارنى قىلالمىسىمۇ، ئەمما بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا ۋە مەھەللىلەردە ھەر يىلى فېۋرال، ئاپرېل، ئىيۇل قانلىق پاجىئەلىرىگە بېغىشلانغان پائالىيەتلەر ئۆتۈپ تۇرماقتا. قارغالى يېزىسىدا ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمى شۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.