27-ئىيۇن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 22-ئىيۇن قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا 22-ئىيۇن قەشقەر تاختا كۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىندا پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىردەك، فىرانسىيە پارلامېنتىغا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ يوللاش قارار قىلىنغان.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى چاقىرغان بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە جىددىي يىغىنغا پارىژدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، تەيۋەن، ۋىيېتنام، لائوس قاتارلىق دۆلەت، رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
يىغىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئۈچكە قەدەر داۋاملاشقان.
بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.