رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتاب ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرىدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.08.27
rabiye-qadir-kitab.jpg ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە نەشرىنىڭ مۇقاۋىلىرى. 2015-يىلى 27-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان «ئۆلۈمدىن قايتقان مەھبۇس» ناملىق ئەسەر 27-ئاۋغۇست تۈركىيەدە ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىندى. ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرنىڭ تۈركچە ئىسمى «ئۆزگۈرلۈك ئىستەيەن ئاننە» يەنى «ئەركىنلىك ئىزدىگەن ئانا» بولۇپ، كىتاب «رابىيە خانىمنىڭ بالىلىق چاغلىرى»، «ئاتا-ئانا ۋە ئەۋلاد سۆيگۈسى»، «ھايات ئۈچۈن كۈرەش» ۋە «زىنداندىكى 2045 كۈن» قاتارلىق 4 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان.

بۇ كىتاب ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلىدا نەشر قىلىندى. مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۈركچە نۇسخىسى 312 بەت، ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 330 بەت بولۇپ، ئىككىلىسى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى نەشردىن چىقتى.

ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى «ئۆلۈمدىن قايتقان مەھبۇس» بولۇپ، كىتابىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن 2005-يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگۈچە بولغان ھايات- سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان.

ئاپتور ئابدۇلھەكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 2005-يىلى رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا يېتىپ بارغان ھامان ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئاۋازىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ئۇزۇن يىل تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئەمدى نەشر قىلدۇرغان.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسەرنى نەشر قىلغان «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى جېلىل تۇران ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

رابىيە قادىر خانىم بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى كىتابىدا پەقەت ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭمۇ بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، مەزكۇر كىتابنىڭ چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقىنىڭمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيەلىك ئالېكساندىرا خانىم يازغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق ئەسەر ھازىرغىچە كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.