رابىيە قادىر خانىم : ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيا ئاياللىرى بىلەن بىرلىشىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.03.08
Rabiye-xanim-3-NED-ayallar-kursida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﻭﻧﺘﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ 3 ‏- ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﺩﯨﻤﯘﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Gulshen Abduqadir

8 - مارت خانىم قىزلار بايرىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرلۈك يوسۇندا تەبرىكلىنىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاياللار ئۇچراۋاتقان ئوخشىمايدىغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشنى، ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

ئاياللارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى ئاياقلاشتۇرۇش كەڭ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دۇنيا ئاياللىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ، ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن 8 - مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى. مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى بارلىق خىزمەتداشلىرىمغا ۋاكالىتەن رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئاۋازىمىز يېتىپ بېرىۋاتقان بارلىق جايلاردىكى خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن.

شۇنداق، بۈگۈن خانىم - قىزلارنىڭ بايرىمى، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان كۈنى. 1910 - يىلى 8 - مارت كۈنى تۇنجى قېتىم خەلقئارا ئاياللار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بېرى بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى. ئۆتكەن بۇ ۋاقىت جەريانىدا ئاياللارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۇلارنى زۇلۇمدىن، باراۋەرسىزلىكتىن، تەھدىتتىن، نامراتلىقتىن ۋە تۈرلۈك بېسىملاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىشلىگەن خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دۇنيادا يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئوخشىمىغان مەسىلىلەر بىلەن بوغۇشۇۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خانىم - قىزلارنىڭ ھېلىھەم ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى 2013 - يىللىق خانىم - قىزلار كۈنىنىڭ باش تېمىسىنى «ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىش» دەپ بەلگىلىدى. ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغان مۇشۇنداق بىر كۈندە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. بىز بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. بىز رابىيە قادىر خانىمغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى ئاستىدا جەنۋەدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان يىغىنغا قاتنىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن تېخى ئەمدىلا جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇشۇنداق بىر ئۇزۇن سەپەردىن كېيىنمۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خانىم - قىزلار كۈنىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دۇنيا ئاياللىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ، ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.