رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاتا سىياسەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.01.11
aqsaraygha-yollanghan-rabiye-qadir-mektubliri.JPG ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابقا قويۇلغان سۈرىتى.
RFA/Qutluq


خىتاي كوممىنىست ھۆكۈمىتى 8 - يانىۋارئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىىنى چاقىرىپ2016 - يىلنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يىغىنلىرىدا13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇنداقلا12 - بەش يىللىق پىلان جەريانىدىكى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ،«تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، "ئۈچتە قەتئىي بولۇش" نىشانىغا يېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى» دەپ كۆرسىتىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا، - 5«ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنلا باشلاپ يولغا قويۇلغان خىتاينىڭ - 12 بەش يىللىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى بولسا،خىتاينىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان، مىللي سىياسەتلىرى ئەڭ زور مەغلۇپ بولغان بىر مەزگىلى،خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئەڭ مۇقىمسىز ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلگەن ھەمدە زور قان تۆكۈلگەن بىر مەزگىل بولدى»دېگەن يەكۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مۇقىملىق خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «شىنجاڭ ھازىر ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم،ياخشىلىنىش ئامىللىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى» دەپ كۆرسىتىپ «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.خىتاينىڭ ئاساسي قاتلاملارغا قاراتقان.«ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئاساس قىلغان مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم،«ئاساسي قاتلاملارغا كادىر چۈشۈرۈشنىڭ ئۆزىلا،، مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى جەھەتتىن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلدى. "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" بۇزۇلدى، مۇقىملىقنى تۇتۇپ تۇرالمىدى» دېگەن پىكىرلىرىنى بىلدۇردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە ئۇيغۇر رايونىدا «ئەسەبىيلىك مەۋجۇتمۇ ؟» دېگەن سوئالىمىزغا : «ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي ئېتىقادىنىى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئەسەبىي سىياسىتى مەۋجۇتلۇقى»نى بىلدۇرۇپ، «بۇ ئەسەبىيلىكنى خىتاي ئاۋال ئۆزى تۈگىتىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ - 1 كۈنىدىن باشلاپ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، 13 - بەش يىللىق پىلان جەريانىدىكى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەكلىكى»نى ئەسكەرتمەكتە. دائىرىلەر يەنە«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇقىملىقنى ساقلاشنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش»نى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە - 13 بەش يىللىق پىلانى جەريانىدا خاتا سىياسەتلىرىنى داۋام قىلىشىنى «ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۇرىدۇ» دەپ تەنقىد قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى تارىخي خاتالىقىنى تونۇشى، قان تۆكۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا،ئۇيغۇر خەلقىدىن كەچۈرۈم سوراپ بىگۇناھ تۇتقان تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشقا چاقىردى.

ئۇ يەينە : «ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى ساقلانغان مەسىلىلەرنى تونۇپ يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ. مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرى بىلەن مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتىدۇ، بۇ خىل باستۇرۇشلار يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن» دېگەن بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنىڭ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئىلھام بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.