تاتارلار قازاندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «لاگېرلار» غا سولاش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.12.26
tatar-uyghur-lager-masilisi.jpg تاتارلار قازاندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «لاگېرلار» غا سولاش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. 2018-يىلى 26-دېكابىر.
idelreal.org

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىغا سولىشىغا بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى رۇسىيەنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندىمۇ يۈز بەردى. 26-دېكابىر كۈنى قازان شەھىرىدىكى كەرىم تىنچۇرىن باغچىسىدا بىر توپ تاتار پائالىيەتچىلىرى تۈرلۈك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى رۇسچە خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىلىش پۈتۈن تاتار جەمئىيەتلىرى مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى فەرىت زاكىيېف ئازادلىق رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقى» غا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فەرىت زاكىيېف ئەپەندى: «بىز ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئۆزىنىڭ يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىشى ۋە بۇ خىل ئېتنىك مەدەنىيەت يوقىتىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىشى لازىم دەپ ھېسابلايمىز، بىزنىڭچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە فىرانسىيە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا دىققەت قىلىشى لازىم دەپ ھېسابلايمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

يىغىلىشقا يېغىۋاتقان قارغا قارىماي 12 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قوللىرىدا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ! ب د ت ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز!»، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ! خىتايدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز!»، «فاشىستلار گېرمانىيەسى-1937، خىتاي-2018»، «تاتارلار! قانداش ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى بىرلىكتە قوغداشقا قوزغىلايلى!»، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن.

ئەسلىدە پۈتۈن تاتار جەمئىيەتلىرى مەركىزى قازاندىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما قازان شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى كەرىم تىنچۇرىن باغچىسىدا ئۆتكۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى قازاندىكى تاتار ياشلىرىنىڭ «ئازادلىق» تەشكىلاتى 22-دېكابىر كۈنى قازان شەھىرىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ھىمايە قىلىش مەقسىتىدە چوڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان، بىراق مەزكۇر تەشكىلات مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 2019-يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.