سەمى نىياز ئاكا «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن
2013.12.04
ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى يەر دەۋاگىرى سەمى نىياز ئاكىغا تەھدىت سالغان ۋە بۇندىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ ۋەقە ئۆتكەن جۈمە كۈنى سەمى نىياز ئاكا رادىئومىز زىيارىتىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارا قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن. سەمى نىياز ئاكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ كەلگەن. ساقچى تەرەپ ئۇنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئىچكى ئەھۋالنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن. سەمى نىياز ئاكا ئۇلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، يەتتە يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئورۇن ئۇنىڭ يەر دەۋاسىنى قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۇۋالچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ «ئەگەر ئەرزىمنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن چىققان بولسا ۋە ھەققانىي يوسۇندا ھەل قىلغان بولسا، مەن ھەرگىزمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايتتىم» دېگەن. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭغا تەھدىت ئىشلىتىپ ئاگاھلاندۇرغاندا ئۇ بوشىشىپ قالماستىن، «ئەمىسە، ئەرزىمنى ئاڭلايدىغان ئورۇن تېپىڭلار، قانۇن بويىچە بۇ دەۋانى ھەل قىلىڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەن ھەرگىز بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەيمەن» دەپ تۇرۇۋالغان.
بىز سەمى نىياز ئاكا تەمىنلىگەن ئۇچۇر بويىچە ئاتۇش شەھەر سۈنتاغ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئابدۇرۇسۇلغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفوننىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى ھەمدە سۆز تېمىسىنىڭ يەر دەۋاسى قىلىۋاتقان سەمى نىياز ئاكىنىڭ ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ دەرھال ئۆز سالاھىتىنى يوشۇردى. ئۇ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ يېزا باشلىقى ئابدۇرۇسۇل ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئاقتۇ ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يالغان سۆزلىدى. ئۇ يەنە ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ باشقا بىر مۇناسىۋەتسىز كىشىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىدى ۋە شۇ نومۇرغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز ئارقىدىنلا سەمى نىياز ئاكىنىڭ 25 مو يەر-جايىنى تۆۋەن باھا بىلەن مەجبۇرىي ھالدا جوڭكۇن شىركىتىگە ئېلىپ بېرىشتە ئاكتىپلىق قىلغان شورۇق كەنتىنىڭ سېكرېتارى قەيسەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفوندا سەمى نىيازنىڭ يەر دەۋاسىنىڭ ياخشى ھەل بولغانلىقىنى، قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا رازى قىلارلىق ھەق بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ۋەھالەنكى، ئۇ بىزنىڭ سەمى نىياز ئاكىنىڭ يېرىنى قانداق ئۇسۇلدا ۋە قانچىلىك ھەق ئۆلچىمى بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئۆزىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا تېلېفوندا جاۋاب بەرسە بولمايدىغانلىقىنى، ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولسا نەق مەيدانغا كېلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
سەمى نىياز ئاكا تېلېفون زىيارىتىمىزنى يەنە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بەلكى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ ئۇۋالچىلىقنىڭ ھەل بولۇشىغا ئۈمىد باغلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.