«23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەن 15 كىشىنىڭ 10 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇشى، نۆۋەتتە ۋەقەگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتقان تەرەپلەرنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىلىرىدىن بىرى بولماقتا.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى، مانا بۇ پاكىتقا تايىنىپ تۇرۇپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ تەيىنلەنگەن ئىمامى جۈمە تاھىرمۇ، ھۇجۇمچىلارنى «مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ ئەيىبلىمەكتە؛ ئەمما بۇ ئىككى شەخسكە بېرىلگەن پىكىر ئەركىنلىكى، رايوندىكى ئاۋام خەلققە بېرىلمىگەچكە، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر ۋە ھېسسىياتىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇنداقتا چەتئەلدە يەنى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟ تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن بۇ تېمىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ۋە كۈرەش ئاتاخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: ۋەقەدە ئۇيغۇر ساقچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ ئۆلگەنلىكى سىزدە قانداق ھېس ۋە قانداق ئوي پەيدا قىلدى؟
كۈرەش ئاتاخان: مەن ئالدى بىلەن ۋەقەدە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ئۆلگەن ئەركىنلىك جەڭچىلىرىمىزگە تەزىيە ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن؛ ئاندىن ۋەقەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۆلگەن ئۇيغۇر ساقچى ۋە كادىرلارنىڭ ئۆلۈمىدە جاۋابكارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدە دەپ قارايمەن.
ئابدۇلئەزىز: مارالبېشى ۋەقەسى زالىم ۋە زالىمنىڭ يانتاياقلىرى بىلەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئارىسىدىكى كۈرەش. زالىمغا يانتاياق بولۇۋاتقانلار بۇ ھادىسىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك.
سوئال: تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى ۋەقەدە ئۇيغۇر ساقچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، پىدائىيلارنى «ئۆز مىللىتىنىمۇ پەرقلەندۈرمىدى، ئۇلار تېررورچى» دېدى، بۇنىڭغا قارىتا سىزنىڭ پىكرىڭىز نېمە؟
ئابدۇلئەزىز: قېنى دەپ باقسۇن، نۇر بەكرى قاچان ئۆز مىللىتىنى پەرقلەندۈرگەن؟ شۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار مىللەت ئايرىدىمۇ؟ مىللىتىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىش ۋە خىتاي ئۈچۈن ئېتىپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتىمۇ؟ ھەرقانداق بىر تىرىك جان ئۆز ھاياتى خەۋپكە دۇچ كەلگەندە، بولۇپمۇ ئۆلۈش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەندە، ئەلۋەتتە ئۆزىنى قوغداشنىڭ بارلىق چارىلىرىنى قىلىدۇ؛ بۇ نۇقتىدا پىدائىيلىرىمىزنىڭ قىلغىنى ئۆزىنى قوغداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كۈرەش ئاتاخان: مەنچە، نۇر بەكرى ۋە ھېيتگاھ ئىمامى جۈمە تاھىرلارنىڭ مانا مۇشۇنداق زور ۋەقەلەردە، مانا مۇشۇنداق مۇھىم پەيتلەردە، دۇنياغا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بايانات بەرگىنى، مىللىتىمىز ئۈچۈن شۇ كۈنكى ۋەقەدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ساقچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بىر جىنايەت.
سوئال: ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار راست بولغان ئەھۋالدا، بۇنىڭ بىر زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. سىزنىڭچە، ۋەقەدە ئۇيغۇر ساقچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ ئۆلگەنلىكى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى يەنى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلامدۇ؟
ئابدۇلئەزىز: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. پىدائىيلار ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن جېنىنى ئاتىغان ئىمانى ساغلام مۆمىنلەر، ئۇلارنى شەرقى تۈركىستان خەلقى داۋاملىق ياد ئېتىدۇ ۋە ئۈلگە ئالىدۇ.
كۈرەش ئاتاخان: زوراۋان ھاكىمىيەتلەر، ئۆزىگە قارشى ھەرىكەتنى ھەر خىل سەۋەب، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن داۋاملىق ئەيىبلەيدۇ، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇ ھەر ۋاقىت ئەركىنلىك كۈرىشى ۋە ئەيىبلىنىۋاتقانلار بولسا ئەركىنلىك جەڭچىلىرى.
سوئال: ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى كىمدە بولۇشى كېرەك؟
ئابدۇلئەزىز: جاۋابكار ئوخشاشلا خىتاي دۆلىتى. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بۇ ئۆلۈم سەۋەبلىك خىتاي دۆلىتىدىن ھېساب سورىشى ۋە جاۋابكارلىق تەلەپ قىلىش كېرەك.
كۈرەش ئاتاخان: مۇستەملىكىچىلىك بولمىسا، ئادالەتسىزلىكلەر بولمىسا، بۇ توقۇنۇش يۈز بەرمەيتتى. ئۇلار خاتا بىر ۋەزىپىگە مەجبۇرلانمىغان بولسا، ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى، جاۋابكار خىتاي ھۆكۈمىتى.
سوئال: ۋەقەدىن ئۇيغۇر ساقچى ۋە خىزمەتچىلەر ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ساۋاقمۇ بارمۇ؟
ئابدۇلئەزىز: بار ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ساقچىلار ئەگەر ئۆزىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن دەپ تونىسا، بۇنداق جىددىي ۋەقەلەردە، ۋەزىپە ئۆتەشنى رەت قىلىش كېرەك، ھېچ بولمىدى دېگەندە، سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشنى رەت قىلىش كېرەك. خىزمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، تەقدىرلىنىش ۋە ئۆسۈش ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشتەك بۇنداق غەيرىي ئىنسانىي ھايات يولىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.
سوئال: ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى «قىلمىشىغا قارىغاندا مۇسۇلمان ئەمەس، چۈنكى ئىسلام دىنى تىنچلىق دىنى» دېدى، جۈمە تاھىرنىڭ بۇ پەتىۋاسىغا قانداق قارايسىز؟
ئابدۇلئەزىز: شۇنداق، ئىسلام دىنى تىنچلىق دىنى، ئۇ ئەينى چاغدا ھەق ۋە ئادالەت دىنى. ھەقسىزلىققە، زۇلۇمغا، ئادالەتسىزلىككە دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن. ھەممىگە ئايان، جۈمە تاھىر شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ۋەكىل ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىدىن پەپىلەپ يېتىشتۈرۈلگەن ۋە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلىۋاتقان خىتاي تەرەپ ۋەكىلى، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە ئارتۇقچە ئويلىنىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، مارالبېشىدىكى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاتتۇق.
0:00 / 0:00
