ئىستانبۇلدا «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.02.06

2014-يىلى 5-فېۋرال كۈنى «غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ 17-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىر داۋاغا ئايلىنىشى، ئىززەت-ھۆرمەت، ئىپپەت-نومۇس، دىنى ئېتىقاد، ئەقىدە، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا شېھىتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىمىز باردۇر» دېدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە غۇلجا ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەدە شېھىت بولغان ئۇيغۇر ياشلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن چوڭ بىر قەتلىئامنىڭ 17 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. 2-ئاي شېھىتلەرنىڭ قېنى ئاققان قايغۇلۇق بىر كۈندۇر. شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت 17 يىل ئىلگىرى بىرلا قېتىم شېھىت بولۇش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، بۇنىڭ ئالدى- كەينىدىمۇ نۇرغۇن قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. خىتاي 64 يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قەتلە قىلدى. باستۇرۇشلاردا، تۈرمىلەردە، تۇغۇت چەكلەش ۋە بالا چۈشۈرۈش ۋەقەلىرىدە بولسۇن نۇرغۇن ئىنسانلىرىمىز قەتلە قىلىندى ۋە شېھىت بولدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پروگراممىغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەر-ئايال بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ پائالىيەت «قۇددۇس تېلېۋىزىيىسى» دە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە بۇ مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

«شېھىتلەر كېچىسى» مۇراسىمدا زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈرك دۇنياسى كومىتېتى رەئىسى سەركان دېنچتۈرك، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي، ئۈلكە ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى جىھان كەنتاش، خەلقئارا تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى، مەزلۇم دەر جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى جۇنەيت سارىياشار، نوغاي تۈركلىرى مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ۋەيسەل دېمىر، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى رەجەپ ئاقيول، شەرقىي تۈركىستان سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلى، فاتىھ ئاكىنجىلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت ئەپەندى قاتارلىق مەسئۇللار سۆز قىلدى ۋە غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ خىل يىغىن، مۇراسىم ۋە نامايىشلارغا قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. مۇراسىمدا ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن «بۇ ۋەتەن كىمنىڭ» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ يىغىن زالىنى ھاياجانغا سالدى.

ئۆسمۈر مۇجاھىد قەشقەرلى «زۇلۇمنى ئالقىشلىمايمەن» دېگەن شېئىرنى ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر شېھىتلەر توغرىسىدا ئىتوت ئورۇنلىدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى، «بىز شېھىتلەر ئەۋلادى» دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە پارچە شېئىر ئوقۇدى.

مۇراسىمدا ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان تۈركچە ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

ئۈچ سائەت داۋام قىلغان مۇراسىم شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.