شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئائىلە كۈنى» يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

‏شىۋېتسىيە ياشلار مۇسۇلمان تەشكىلاتىنىڭ ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئائىلە كۈنى» نامىدىكى يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

‏بۇ يىللىق يىغىننى، شىۋېتسىيە ياشلار مۇسۇلمان تەشكىلاتى ئىبنى رۇشىد تەلىم- تەربىيە مەركىزى، شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن 3 - ئاپرېلدىن 5- ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 3-ئاپرېل كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمغا قاراشلىق «Älvsjö Mässan» يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.

‏يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىش بىلەن باشلاندى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن «شىۋېتسىيە ياشلار مۇسۇلمان تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى سۆزگە چىقىپ يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا تەبرىك سۆزى قىلدى.

‏مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى 3 كۈنلۈك يىغىنغا شىۋېتسىيە ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 4 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.

‏بۇ يىغىنغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىسلام ئەللىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بىز بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بىر ئۈستەل ھازىرلىغان بولۇپ، ئۈستەلگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ شۋېدچە ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان كىتابنىڭ شۋېدچە نۇسخىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ لايىھىلەنگەن شارپا قاتارلىقلار قويۇلغان ھەمدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىپ بېرىلگەن.

بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇن، بىر قانچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يىغىن كۆرگەزمە زالىدىكى ئۈستەلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈستەلگە قويۇلغان ماتېرىياللارنى مېھمانلارغا تارقىتىش ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى شىۋېتسىيەدىكى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نىجات تۇرغۇن سۆزىدە يەنە، مەقسىتىنىڭ، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلامىي يىغىن ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرۈش، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىگە سىڭىپ كىرىپ، شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق.