ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-25
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە چاقىرىلغان «كىشىلىك ھوقۇقنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆز قىلدى.
2013-09-25
خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلىنىڭ گېپى بىلەن 6 ئايغا يېقىن سۈكۈت قىلىپ، بالىسى ھەققىدە يەنىلا ھېچقانداق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن پاتىگۈل غۇلام، بۇ سۈكۈتىنى بۇزۇپ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2013-09-25
ئۆز ئانا تىلىغا ئىشتىياق باغلىغان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ «قانۇنسىز ئىئانە توپلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى كۆپلىگەن ياپونىيەلىكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەر خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-09-24
غايىب ئوغلىنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈستىدىن ئۆي ئىجارە بېرىلمەسلىك ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان ھېلاجى ئابدۇكېرىم، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى رەيھاننىڭ يېنىغا بېرىپ دەرد ئېيتقان.
2013-09-24
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 24-سېنتەبىر كۈنى شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتتى.
2013-09-24
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى توكيودا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
2013-09-23
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىرىلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغان ئالىم ھېلاجىنىڭ ئائىلىسىگە ئىجارىگە ئۆي بەرمەسلىك ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. مەزكۇر ئائىلىگە ئۆي ئىجارە بەرگەن سېلىم ھاجى دېگەن كىشى ئايال، بالىلىرى بىلەن قېتىپ 24 سائەت سولاقخانىغا قاماپ قويۇلغان.
2013-09-23
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىككىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى.
2013-09-23
ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ئۇراسوئە شەھىرىدە 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىلگەن.
2013-09-20
5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن مەمتىمىن ياسىننىڭ ئايالى مەرەمنىسا تۇردى ئۈرۈمچىدىكى غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتى ئىچىدە، ئۆز ئەھۋالىنى ئاخباراتقا مەلۇم قىلىشتىن ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقانلاردىن بىرى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مۇھاجىرلاردىن تاپشۇرۇۋالغان 500 دوللار پۇلنى، ساقچىلارنىڭ مۇسادىرە قىلىۋالغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
2013-09-20
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ۋە تەدبىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
2013-09-19
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ 79-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، نۇرمەمەت ياسىن قاتارلىق تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىز-دېرىكى، بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپ سۇنۇلغان ۋە بۇ تەلەپ تەستىقلانغان.
2013-09-17
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنىدا د ئۇ ق ۋەكىللىرى سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۆلۈم جازاسى بېرىش جىنايىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغاندا، خىتاي ۋەكىللىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق چىچاڭلاپ كەتكەن.
2013-09-16
9-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە نىگاتا ئۆلكىلىك ئىنسان ھەقلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نىگاتا ئۆلكىسىنىڭ ناگائوكا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
2013-09-06
5 - سېنتەبىر كۈنى كېچىدە خىتاي شوپۇرنىڭ ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە قاتنىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇستا ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر فېيسبوك قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە يوللانغاندىن كېيىن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.