ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-10
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 9-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
2014-12-10
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي، ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل تەشكىلاتلارغا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەپ تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا، ھەتتا ئەيىبلەنگەن كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ جازالىماقتا.
2014-12-08
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىنلىقلار بىرلىشىپ، 7-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئوسلودا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2014-12-08
6-دېكابىر فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرى بىرلىكتە «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.
2014-12-08
تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 300 مۇساپىرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە تۈركىيەگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىياسىي پارتىيىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە يىغىن ۋە نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ باياناتلار ئېلان قىلماقتا.
2014-12-08
2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر يىل بولۇش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار 2009-يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى.
2014-12-05
نېۋيوركتا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق ژورنىلى» دا چېن يوڭمىنننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراپ يازغان ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالە ئۆتكەن ھەپتە بوشۈن، فەيسبوك قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بارلىققا كەلدى.
2014-12-03
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا 6 ئاي داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەكەن ناھىيىسىدە يەنى 30-نويابىر قانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى.
2014-12-03
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ 7 ئوقۇغۇچىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتىغا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2014-12-03
تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرى تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 300 نەپەر ئۇيغۇرنى ئادانا شەھىرىگە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ يىل مارتتىن باشلاپ تايلاندىكى مۇساپىرلا لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تا ھازىغىچە ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
2014-12-02
ئۆتكەن شەنبە كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» يەكەندە ئىككىنچى قېتىم قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا تىكىلدى.
2014-11-28
ئۈرۈمچىدە ئالدىنقى كۈنى يېپىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-ئومۇمى يىغىنىدا ئاتالمىش دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە نۇقتىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
2014-11-27
بۇ يىل مارتتىن بۇيان تايلاندتا قاپسىلىپ قالغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر ھەققىدە غەرب ۋە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ماقالە-چاقىرىقلار ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر، سىياسىي پارتىيەلەر جۈملىدىن سىياسىيونلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن.
2014-11-26
ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ جەنۇبتىكى كەنتلەردە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى نامسىز ئىنكاسى تور ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىماقتا.
2014-11-25
بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىدارە-جەمئىيەتلەر شۇنىڭدەك ھەر ساھە ۋە كەسپلەر بويىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى ئاتالمىش «مۇقىملىق خىزمىتى» بويىچە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.