ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-16
يېقىندا چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا.
2014-10-15
تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى در. سىنان ئوگان ئەپەندى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق قورقۇتالمايدىغانلىقىنى، خىتاي قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2014-10-14
10-ئۆكتەبىر كۈنى گۇما كونا بازاردا ھۆكۈمەت خادىملىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان ئىككى پىدائىي، 12-ئۆكتەبىر كۈنى ساغان تەكشۈرۈش پونكىتىدا قوراللىق ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ئېتىۋېتىلىشنىڭ ئالدىدا ئىككى نەپەر ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان.
2014-10-14
خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، خىتاي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى ئۈچۈن مەخسۇس بىر بوش ئورۇندۇق قويۇلغان.
2014-10-14
«گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» ناملىق فىلىمدە ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ شۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقى «بىمەنىلىك» دەپ قارىلىپ، شۇ خىل مەنتىقسىزلىق فىلىمگە ماۋزۇ قىلىپ تاللانغان.
2014-10-13
پارىژدىكى ئېيفىل مۇنارى يېنىدىكى توركادا مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا كۆپلىگەن فىرانسۇزلار، ئىتالىيەلىكلەر، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭلۇقلار قاتناشقان.
2014-10-10
ئىگىلىشىمىزچە، 9 - ئۆكتەبىر سەھەر گۋاڭشىنىڭ پىڭشياڭ تۈرمىسىدىكى ساقچىلار 9 ئايدىن بۇيان مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 21 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ئابدۇللاجاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلغان.
2014-10-10
خوڭكوڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن 10-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، نامايىشچىلار سېپىگە تېخىمۇ جىق خوڭكوڭلۇقلار قوشۇلۇپ، نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-10-10
ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك شەكىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
2014-10-09
ئاتاقلىق ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ناھەق قامالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2014-10-08
2-ئۆكتەبىر پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە خەلقئارا ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن «يەكەن ۋەقەسى» ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.
2014-10-06
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى چارىسىزلىقتىن دەرتلىرىنى ئىچىگە يۇتقان، يەنى ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلمىغان بولسا، ئاز بىر قىسىملىرى ئەرز ۋە ئاخباراتقا ئاشكارىلاش يولى بىلەن غايىبلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلگەن.
2014-10-06
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىدلەش بىلەن بىللە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئېغىر جازا بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
2014-10-03
يوپۇرغا ناھىيىسىدە رامزان مەزگىلىدە تۈرمىدە جان ئۈزگەن سىياسىي تۇتقۇن داۋۇت ساۋۇتنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى ئائىلىسىگە ئېنىق ئايان بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئائىلە ۋەقە ئۈستىدىن ئەرز سۇنمىغان.
2014-10-03
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل يازدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىرىدىن ئايرىلغان كونا ئەرزدارلار ئەرز-دەۋادىن ۋاقتىنچە توختاشقا مەجبۇر بولغان.