ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-02-05
ئەنقەرە شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە باشلانغان نامايىشقا 300 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
2014-02-05
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2014-02-05
كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى شۇ جايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
2014-02-03
ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قارتال بازىرىدا ۋەقە چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ ئەمما ئىنكاستا ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كونكرېت بايان قىلىنمىغان ئىدى.
2014-02-03
رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئۈچ ھەپتە بولغاندا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ياش مۇخبىرى نىياز قاھارنىڭ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
2014-02-03
ئۆتكەن جۈمە كۈنى تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملارنى كۆزىتىش تەشكىلاتى(Committee of Concerned Scientists) خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.