ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-06-30
6-ئاينىڭ 27-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2014-06-30
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، قىرىم تاتارلىرىغا ئوخشاش نوپۇسى ئىنتايىن ئاز بولغان بەزى مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈشتى.
2014-06-30
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەتلەر توغرىسىدا ئاساسلىق توختالغان.
2014-06-27
دائىرىلەر ئادۋوكات لى فاڭپىڭنى تۆنۈگۈن تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.
2014-06-27
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەر تەرىپىدىن خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز رەھبىرىنى ئۆزىنى سايلاپ چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان بىلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقانلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئېىشىپ كەتتى.
2014-06-27
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە ئەگىشىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2014-06-26
ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى 6 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 16 كىلوگرام چۈشۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
2014-06-26
توققۇزاق ناھىيىسىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە مەزكۇر زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەۋاتقان 819 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرى يېرىم كېچىدە ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتايلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە تاياق، توقماقلار بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
2014-06-23
ئىگىلىشىمىزچە، خوتەن ۋىلايىتىدە كۆچمە تېلېفونلاردىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقىلەرگە بولغان قاتتىق تەكشۈرۈش بىر ئايدىن بۇيان جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.
2014-06-22
ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسبوكتىكى بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدا بىر قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ خىتاي تەرەپتىن بەش كىشى ئۆلگەن. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز قارىقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى ساقچىلار، كادىرلار ۋە ئاھالىلەردىن مەلۇمات سورىدى.
2014-06-21
خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، شەنبە كۈنى يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر ماشىنا بىلەن خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان، خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمچىلاردىن 13 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
2014-06-20
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۈندىدار، كيۇ - كيۇ قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم.
2014-06-20
20 - ئىيۇن جۈمە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، بۇ ھەپتە تارقالغان ئىلھام توختىنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تېخى دەلىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. گۈزەلنۇر خانىم يېقىندا ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىگە ياكى يۇرتى ئاتۇشقا بېرىش ھەققىدە ھېچقانداق قارار ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-06-19
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2014-06-19
ئەنگلىيە «ھامىي» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ۋە خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ چۆچۈتۈۋەتكەن.